تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا دىققەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلار گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ھەربىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلاردا كۆزدە تۇتۇلغىنى گەۋدىلىك تۈگۈن مەسىلىلەر، ھەل قىلىنىدىغىنى چوڭقۇر قاتلاملىق توسالغۇلار، پىلانلانغىنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەر، نامايان قىلىنغىنى نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە ئۈنۈم يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بولدى. بىز مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچلىقلارنى يېڭىپ، ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەر ۋە تاشقى زەربىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، «15 ـ بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم. قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئېغىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە ـ مېخانىزم توسالغۇلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەسئۇلىيەت تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر، جەزمەن باشتىن ـ ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك زور يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىش»نى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، چېگرا ئىچى ـ سىرتىدىكى ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك.

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭ يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان تەرەققىياتنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك؛ مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەش، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك؛ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك؛ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئۈچ چوڭ مۇھىم ساھەنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش ئۈنۈمىنى كېڭەيتىپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ كۈچنى مۇجەسسەملەپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

بۇ يىل «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، «15 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈلۈپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىدىغان يىل، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى بولۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تاماملاشنىڭ ئەھمىيىتى زور.

ئورۇنلاشتۇرما بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. بىز دىققەتنى تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دادىللىق بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ، قايتا ـ قايتا چىڭ تۇتۇپ، ھەربىر ۋاقىت تۈگۈنى بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، قەدەممۇقەدەم تۇتۇپ نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.