تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلىتىمىز شىجيەن 25-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

   بېيجىڭ ۋاقتى 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 04:00 دە، دۆلىتىمىز شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە چاڭجېڭ 3-نومۇرلۇق B توشۇغۇچى راكېتانى ئىشلىتىپ، شىجيەن 25-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى، سۈنئىي ھەمراھ ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ سۈنئىي ھەمراھ ئاساسلىقى سۈنئىي ھەمراھ يېقىلغۇسىنى تولۇقلاش ۋە مۇلازىمەت تېخنىكىسىنى ئۇزارتىشنى دەلىللەشكە ئىشلىتىلىدۇ. 

   بۇ قېتىمقى ۋەزىپە چاڭجېڭ يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتانىڭ 555-قېتىملىق ئۇچۇشى ھېسابلىنىدۇ.

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى: ليۇ چاڭليەن، ياڭ خۇڭياڭ، ساۋ يى، چېن خاۋجيې، دۇ شىنشىن)

 مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.