تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە چارشەنبە كېچە ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدۇ

     مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى 

    بۇ ھەپتىدە، ئۈرۈمچىدە ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 4-~8-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا  9-~15- بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، چارشەنبە كېچىدىن پەيشەنبە كۈندۈزگىچە ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدىكەن، ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەردە تېمپېراتۇرا 8-5 تۆۋەنلەيدىكەن.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 1-ئاينىڭ 7-كۈنى كېچىدىن 8-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى، نەنسەن تاغلىق رايونى ۋە داۋانچىڭ تاغلىق رايونىدا ئازراق قار ياغىدىكەن.

مەملىكەت بويىچە ھۆل-يېغىن مىقدارىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش خەرىتىسى.

سۈرەت\مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

    1-ئاينىڭ 8-كۈنى كېچىدىن 9-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار يېغىپ، 5-4 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، داۋانچىڭ رايونىدا ئازراق قار يېغىپ، سەككىز بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى قىيپاش غەرب شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قار-شىۋىرغان بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر رايونىدا قاتتىق قار، تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار، قىسمەن جايلاردا قېلىن قار (جەمئىي قار يېغىش مىقدارى 15~9 مىللىمېتىر) ياغىدۇ، يېڭىدىن قوشۇلغان يىغىندى قار 18~12 سانتىمېتىر بولىدىكەن.

     بۇ قېتىمقى قارلىق ھاۋارايى جەريانىدا، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەردە تېمپېراتۇرا ℃8-5 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدىكەن، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەندە كۆرۈلىدىكەن. مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئالدىن مەلۇمات بېرىش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، شەھەر رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 15-قا چۈشىدىكەن، تاغلىق رايونلاردا 18-~24-قا چۈشىدىكەن.

    ھەپتە ئاخىرىغا بارغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ قىسمەن رايونلىرى يەنە شەرقىي جەنۇب شامىلىنى كۈتۈۋالىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 11-كۈنى كۈندۈزى، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن رايونلاردا، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن سەيۋوپۇغىچە، شىسەندىن باگاڭغىچە بولغان جايلاردا 5-4 بال شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدىكەن، ئۇلانبايدىن خۇڭيەنچىگىچە بولغان جايلاردا يەتتە بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىكەن. 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، شەرقىي جەنۇب شامىلىنىڭ تەسىرىدە، تېمپېراتۇرا ئازراق ئۆرلەيدىكەن. 

ئۇنىۋېرسال مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.