تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

نېمە ئۈچۈن تۈزۈلدى؟ قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟

​− ئۈچ تارماقنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار «ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋاقىتلىق چارىسى» توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ لىن

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مالىيە مىنىستىرلىقى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى «ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئېلان قىلدى. ئۈچ تارماقنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار چارىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

سوئال: بۇ ھۆججەتنى تۈزۈشتىكى ئاساسىي مەقسەت نېمە؟

جاۋاب: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا، ئىختىيارىي بولۇش، ئېلاستىك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەمدە تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارى»دا، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئېلاستىك ھالدا مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش ياكى ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىسا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىشنى يولغا قويۇش دۆلىتىمىزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن بولۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش، ئوخشاش بولمىغان خىزمەت، تۇرمۇش جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا پايدىلىق.

ئىسلاھات يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشى ئەسلىدىكى بىر مۇتلەق تۈگۈندىن ئېلاستىكلىق بىر دائىرىگە كېڭىيىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تاللاش ھوقۇقى ئاشۇرۇلىدۇ. ئىختىيارىي بولۇش، ئېلاستىك بولۇش پىرىنسىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاراردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىش سىياسىتىنى ياخشى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئۈچ تارماق «ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى تۈزۈپ، ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش تەرتىپى، ھوقۇق - مەنپەئەتكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى بېجىرىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سوئال: ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىش يېشى قانداق بېكىتىلىدۇ؟

جاۋاب: چارىدە مۇنداق بەلگىلەندى: ئىشچى - خىزمەتچىلەر دۆلەت بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىگە يەتكەن بولسا، ئېلاستىك ھالدا مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىسا بولىدۇ، مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ھەم پېنسىيەگە چىقىش يېشى ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ 50 ياش، 55 ياش ھەم ئەر ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ 60 ياش بولغان قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەسلىدىكى پېنسىيەگە چىقىش يېشىدىن تۆۋەن بولمايدۇ. ئىشچى - خىزمەتچى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا يەتكەندە، تۇرۇشلۇق ئورۇن بىلەن ئىشچى - خىزمەتچى كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەن بولسا، ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرسە بولىدۇ، كېچىكتۈرۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

مەسىلەن: مەلۇم ئەر ئىشچى - خىزمەتچى 1972 - يىلى 9 - ئايدا تۇغۇلغان بولسا، قارار يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشى 62 ياش بولىدۇ، ئەگەر ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىگە يەتكەن بولسا، ئۇنداقتا 60 ياشتىن 62 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلاستىك ھالدا مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشنى تاللىسا بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىشچى - خىزمەتچى ئېلاستىك ھالدا مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشنى تاللىمىغان بولسا، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشى 62 ياشقا يەتكەندە، پېنسىيەگە چىقسا بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇ تۇرۇشلۇق ئورۇن بىلەن كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەن بولسا، يەنە 62 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا پېنسىيەگە چىقىشنى ئېلاستىك ھالدا كېچىكتۈرسە بولىدۇ.

سوئال: چارىدە ئېلاستىك ھالدا مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش جەھەتتە قانداق بەلگىلىمە بار؟

جاۋاب: چارىدە مۇنداق بەلگىلەندى: ئىشچى - خىزمەتچى ئېلاستىك ھالدا مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىسا، شۇ ئادەم ئۆزى تاللىغان پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىدىن ئاز دېگەندە ئۈچ ئاي بۇرۇن يازمىچە شەكىلدە تۇرۇشلۇق ئورۇنغا خەۋەرلەندۈرۈپ قويىدۇ. بۇ بەلگىلىمىدە ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى نۇقتا كۆزدە تۇتۇلغان: بىر جەھەتتىن، خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش شەكلىنىڭ «يازمىچە» بولۇشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئېلاستىك ھالدا مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ رېئال ئارزۇسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنغان؛ يەنە بىر جەھەتتىن، مۇددەتتىن بۇرۇن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە تەييارلىق قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلگەن.

سوئال: چارىدە ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش جەھەتتە قانداق بەلگىلىمە بار؟

جاۋاب: چارىدە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تۇرۇشلۇق ئورۇن بىلەن ئىشچى - خىزمەتچى مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن، پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ۋاقتى قاتارلىق ئىشلارنى يازمىچە شەكىلدە ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ۋاقتى بېكىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئۇزارتىلمايدۇ. ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش مەزگىلىدە، تۇرۇشلۇق ئورۇن بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتى ياكى كادىرلار مۇناسىۋىتى داۋاملىشىدۇ. بۇ بەلگىلىمىلەردە ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، بۇ، ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش مەزگىلىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، شۇنداقلا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چارىدە مۇنداق بەلگىلەندى: مەمۇرلار، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي خادىملار ھەم باشقا باشقۇرغۇچى خادىملار قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا يەتكەندە پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىشى كېرەك.

سوئال: ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىشنى تاللىغاندا، ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى قانداق بېكىتىلىدۇ؟

جاۋاب: قارارغا ئاساسەن، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئايدا ئالىدىغان ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى دۆلەت بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىگە يېتىشى كېرەك. ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش جەريانىدا، ئوخشاش بولمىغان يىلدا پېنسىيەگە چىققاندا، ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىدە پەرق كۆرۈلۈشى كۆزدە تۇتۇلۇپ، چارىدە ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىش سىياسىتىگە ئاساسەن، بۇ بەلگىلىمە يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى، ئېلاستىك ھالدا مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشنى تاللىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئايدا ئالىدىغان ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئۆزى تاللىغان پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىغا مۇناسىپ كەلگەن يىل ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىگە يېتىشى كېرەك؛ ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشنى تاللىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئايدا ئالىدىغان ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئۆزىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا مۇناسىپ كەلگەن يىل ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىگە يېتىشى كېرەك.

سوئال: ئورگان ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىش تەرتىپى جەھەتتە قانداق تەلەپلەر بار؟

جاۋاب: كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، چارىدە مۇنداق بەلگىلەندى: ئورگان ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملار ئېلاستىك ھالدا پېنسىيەگە چىقىشتا، كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇق چېكى ۋە بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلاشقا يوللىنىپ ماقۇللىنىشى كېرەك.

سوئال: چارىدە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە قانداق تەلەپلەر بار؟

جاۋاب: تۇرۇشلۇق ئورۇن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىنى شۇ ئايدىن كېيىنگە قالدۇرماسلىقى، بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلارغا ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىش ئىلتىماسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتى ئىلتىماسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىش ئىلتىماسىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بېكىتىشى كېرەك. ئىشچى - خىزمەتچىلەر تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىنىڭ كېيىنكى ئېيىدىن باشلاپ ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار پېنسىيە مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەشەببۇسكار ھالدا پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا يېقىنلىشىپ قالغان سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملارنى پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە ئالاقىدار ئالدىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن قوبۇل قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

سوئال: چارىدىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش مۇلازىمىتى قايسى جەھەتلەردىن ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، تەڭشىلىدۇ؟

جاۋاب: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش مۇلازىمىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىرىنچىدىن، «پېنسىيەگە چىقىشتىكى ھەربىر ئىش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ. ھەرقايسى جايلارنى كەسىپ تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تارماق ھالقىغان سىياسەت، كەسىپ، سىستېما ھەمكارلىقى ۋە سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، پېنسىيەگە چىقىشقا ئالاقىدار بىرلىشىپ بېجىرىدىغان ئىشلارنى «بىر جەدۋەل بىلەن ئىلتىماس قىلىش، بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ. ئىككىنچىدىن، پېنسىيەگە چىقىشنى ئەسكەرتىش مۇلازىمىتىنى تەدرىجىي قانات يايدۇرىدۇ. پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا يېقىنلىشىپ قالغان سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملار بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا ئۇدۇللىشىپ، پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىنى تاللاشنى ئويلاشسا بولىدىغانلىقىنى مۇدەتتىن بۇرۇن ئەسكەرتىدۇ ھەم پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش تەرتىپى ۋە يوللىرىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، پېنسىيەگە چىقىش ئالدىن مۇلازىمىتىنى تەدرىجىي يولغا قويىدۇ. پېنسىيەگە چىقىشقا يېقىنلىشىپ قالغان خادىملار ئوتتۇرىغا قويغان ئالاقىدار ئارخىپ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ياكى ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى توپلاش قاتارلىق كەسىپلەر ئىلتىماسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قوبۇل قىلىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى خادىملارنىڭ ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىگىلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.