تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ زەھەر چەكلەش نىزامى يولغا قويۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زەھەر چەكلەش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇ «نىزام» 2024 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 - يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، نىزام چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشى، زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشى ۋە جازالىشى، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغدىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلدى.

«نىزام» جەمئىي سەككىز باب، 56 ماددا بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇلدى.

زەھەر چەكلەش خىزمىتى بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ۋە كۆپلىگەن باشقۇرۇش تارماقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا «نىزام»دا، زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، تېرىشنى چەكلەش، ياساشنى چەكلەش، سېتىشنى چەكلەش، چېكىشنى چەكلەشنى تەڭ تۇتۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ۋە جەمئىيەت كەڭ قاتنىشىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «نىزام»دا يەنە زەھەر چەكلەش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىدىكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

زەھەر چەكلەش تەشۋىق - تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ زەھەر چەكلەش ئېڭىنى كۈچەيتىش زەھەر چەكلەش خىزمىتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى. «نىزام»دا، ھەر يىلىدىكى 6 - ئاينى ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي خەلق زەھەر چەكلەش تەشۋىقات ئېيى قىلىش بەلگىلەندى.

«نىزام»دا، زەھەر تاشلىتىشنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئالاقىدار تەدبىرلەر ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، زەھەر تاشلايدىغانلارنىڭ ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، «نىزام»دا يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ رايون ئەھۋالى ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، زەھەر چەكلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش جەھەتتە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى چىقىرىلدى.

«نىزام»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ھازىر، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار زەھەر چەكلەش خىزمىتى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا، كەنت، مەھەللە، زاۋۇت، كان، كارخانا، ۋوگزال - بېكەت، پورت، بازار، دورا دۇكىنى قاتارلىق مەيدان - سورۇن، رايونلاردا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى قوللانمىسى تارقىتىش، تەشۋىقات ئېلانى چاپلاش، لوزۇنكا ئېسىش، تەشۋىقات قىسقا سىنى قويۇشنى تەشكىللەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق زەھەر چەكلەش قانۇنىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاش قويۇق كەيپىياتى ياراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.