يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان 2025 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ۋە ئۇنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2024 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)» مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەۋقەنى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بولۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش» ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، بىرلىك ھوسۇلنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پىششىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىدا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش؛ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئېتىزلارنى تۈزەش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېتىز ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش؛ ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇرۇقلۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش؛ تېرىلغۇ يەر زاپاس بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، سۇغا قاراپ يەرنى بېكىتىش، سۇنى ئۆلچەپ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى كېڭەيتىش؛ ئاشلىقنى يېشىل، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك مەنبەدىن بۇلغىنىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش؛ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئاچقۇچلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىش؛ يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش؛ شورلۇق يەرلەرنى تۈزەش، ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شورلۇق تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ ئاشلىق پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئاشلىق ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسەت ۋە سېلىنما كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
يىغىندا «جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى نۇقتىلىق تەدبىر» قاراپ چىقىلدى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى تەلىپى بويىچە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىدە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە بولغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۆزلەپ، پەن، كەسىپلەرنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، يۇقىرى قاتلاملىق مەخسۇس ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى كېڭەيتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، «ياشانغان ئوقۇتقۇچىلار» قاتارلىق بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.