□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
قەدىمىي قارلىق دالا بۈگۈنكى كۈندە قار قىزغىنلىقىغا تولدى.
ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرى، بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى شىنجاڭدا ئالتاي تېغى، تىيانشان تېغى، كوئېنلۇن تېغى ئارىسىدا، قار تېيىلىش مەيدانلىرى خۇددى يالتىراپ تۇرغان مەرۋايىتقا ئوخشايتتى. قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قەھرىتان سوغۇقتىن قورقماي ئۇچقاندەك تېيىلىۋاتاتتى.
«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق» «300 مىليون كىشىنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» «قار - مۇز ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشنى يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتى، قار - مۇز مەدەنىيىتى، قار - مۇز جابدۇقلىرى، قار - مۇز ساياھىتى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش»... باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، شىنجاڭنى يادرو قىلىپ، خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە شىمال قار - مۇز ئىقتىسادى يېتەكچى رايونى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىم قار - مۇز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى باش ئورنى تەبىئىيلا تىكلەندى.
مول قار - مۇز بايلىقىغا ئىگە شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ تۇپراقنى قەغەز، قار - مۇزنى سىياھ قىلىپ، قار - مۇزغا پۈركەنگەن قەھرىتان سوغۇق جاينى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن شاتلىق باغچىسىغا ئايلاندۇرۇپ، قار - مۇز بىلەن قاپلانغان تۇپراقتا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلىدى.
قار - مۇز ئىقتىسادى
ھەربىر قار ئۇچقۇنىمۇ ئارزۇغا ئىگە بولدى
جۇڭگودا قار - مۇز ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش زۆرۈر ھەم شەرت. قار - مۇز تەنھەرىكىتى، قار - مۇز ساياھىتى كۆپ ساھەنى قاپلىغان، كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن، باغلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. شەرقىي شىمال، غەربىي شىمالنىڭ قار - مۇز بايلىقى مول، جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى مۇھىم رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور.
ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدە، قار - مۇز زور باش قېتىنچىلىقى ئىدى، قېلىن قار تاغ يولىنى توسۇپ قويغاچقا، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كەنتلەرنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان قاتناش ئالاقىسى ھەتتا نەچچە ئاي ئۈزۈلۈپ قالاتتى.
قار - مۇز ئىقتىسادى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەندە، ئىلگىرىكى يېتەرسىزلىكلەر ئارتۇقچىلىقلارغا ئايلاندى.
شىنجاڭ قار - مۇز ئالتۇن كەڭلىك بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەر يىلى ئوتتۇرىچە قار پەسلى 150 كۈندىن ئاشىدۇ، ئالتاي تېغى، تىيانشان تېغى، كوئېنلۇن تېغى ئەلا سۈپەتلىك قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ بۆشۈكى. ئالتاي تېغى جەنۇبىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي بۆلىكى ۋە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدە قار مەزگىلى ئۇزاق، يىغىندى قار قېلىن، «توزغاقسىمان قار» ئۇششاق ۋە يېپىشقاق، يەر شەكلىنىڭ ئېگىزلىك پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك مەنزىل ھېسابلىنىدۇ.
ھالبۇكى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشتا، يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق بار. ئۇل ئەسلىھەلەر ئاجىز، تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەر كۆپ، قار - مۇز ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ تۈجۈپىلىشىش، بازارلىشىش دەرىجىسى تۆۋەن، مەھسۇلات، كەسىپ ھالىتى يەككە بولۇش، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە يېتەكلەش ئىقتىدارى دېگەندەك كۈچلۈك بولماسلىق، قار - مۇز ئىختىساسلىقلىرى بىر قەدەر كەمچىل بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ھەربىر قەدەم ئىلگىرىلەشتە جاسارەت بىلەن تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قار - مۇز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىيات داۋامىدىكى كەمتۈكلۈكلەرگە قارىتا دەل جايىدا كۈچەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللاندى.
يىرىك پىلان تۈزۈشنى تېزلىتىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتى مەيدان - ساراي قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سەرخىل لىنىيە بەرپا قىلىپ، قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى؛
قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، قار - مۇز ماھارەت تەنتەربىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ قار - مۇز تەنھەرىكىتى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى؛
قار - مۇز مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، قار - مۇز بايرىمى داڭلىق ماركىلىرىنى ياراتتى؛
قار - مۇز جابدۇقلىرى ياسىمىچىلىقى، سودا، ئاقىللار ئامبىرى، پۇل مۇئامىلە، ماركېتىڭ قاتارلىقلارغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، قار - مۇز ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، قار - مۇز جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ قۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى؛
...
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2024 - يىلى، شىنجاڭ ئەۋزەل، ئۆزگىچە قار - مۇز بايلىقى ئۈستۈنلۈكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەيدان - ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ماھارەت تەنتەربىيەسى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «مۇسابىقە پائالىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، «300 مىليون كىشىنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قار - مۇز مەدەنىيىتى، قار - مۇز ساياھىتى، قار - مۇز ئىستېمالى ۋە قار - مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
نۆۋەتتە، شىنجاڭ «قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى موتورىنى بەرپا قىلىپ، ئالتاي ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قىشلىق قار - مۇز ساياھىتى سەرخىل لىنىيەسىنى بەرپا قىلىش؛ قەشقەر ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خەلق ئۆرپ - ئادىتى ساياھەت لىنىيەسىنى بەرپا قىلىش؛ شەرقىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چۆللۈك، قۇملۇق قاتارلىق خاس بايلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى، ئالاھىدە تۈر ساياھەت لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ «تۆت پەسىل ساياھەتچىلىكى»گە ئايلىنىشىغا تېز تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ.
قار - مۇز بىلەن قاپلانغان شىنجاڭغا نەزەر سالساق، ئۈرۈمچى قار - مۇز ساياھىتى يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى، تىيانشان تېغى شىمالىي ئېتىكى قار - مۇز ساياھەت بەلبېغى، ئالتاي تېغى قار - مۇز ساياھەت بەلبېغىدىن ئىبارەت «بىر مەركەز، ئىككى تاغ» تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندى. قار - مۇز + مەدەنىيەت، قار - مۇز + تەنتەربىيە، قار - مۇز + خەلق ئۆرپ - ئادىتى... خاس قار - مۇز ساياھىتىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قار - مۇز ئىقتىسادى رەڭدار تۈسكە كىرىپ، ئۆزگىچە جۇلالاندى.
قار گۈللىرى ئۇچقۇنلىدى
قار - مۇزلۇق دالا يېڭى قىياپەتكە كىردى
ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى پىڭشىلياڭ كەنتىدىكى ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ بالكونىدىن جەنۇبقا نەزەر سالسىڭىز، ئېگىز - پەس تاغلار توپى ئارىسىدا، كۈمۈش رەڭلىك قار يولى خۇددى تاغ چوققىسىدىن ئېقىپ چۈشۈۋاتقان شارقىراتمىدەك كۆرۈنىدۇ، ئۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى 5S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانى − يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى بولۇپ، ھەر قېتىملىق قار پەسلىدە 300 - 400 مىڭ قار تېيىلىش ھەۋەسكارىنى كۈتۈۋالىدۇ.
ئىلگىرىكى چاغلاردا، پىڭشىلياڭ كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى يەر تېرىشقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، قىشتا قار يېغىپ يوللارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن، يول يۈرۈشنىڭ قىيىن بولۇشىدىن بەك ئەنسىرەيتتى. قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەش يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىغا ئىككى كىلومېتىرلا كېلىدىغان بۇ كىچىك كەنتنىڭ تېز ئۆزگىرىش سەپىرىنى باشلىشىغا تۈرتكە بولدى. قار تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ ئىشلەش، ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىش، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش... ئاپپاق قار بايلىققا ئايلىنىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى، 2023 - يىلى، بۇ كەنتتىكىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 38 مىڭ 890 يۈەنگە يەتتى. 2024 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە بولغان قار پەسلىدە، كەنتنىڭ «قار - مۇز ئىشلىرى»دا يەنە غەلىبىلىك باشلىنىش بولدى.
پىڭشىلياڭ كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر قار - مۇزلۇق دالىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ جانلىق تەسۋىرى، شۇنداقلا قار - مۇز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ گۈزەل كارتىنىسى.
شىنجاڭ قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ قەد كۆتۈرۈش ۋەزىيىتىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ.
قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان «بىر پارچە ئوت». نۆۋەتتە شىنجاڭدا قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ سانى 101گە يەتتى، يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى، ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم قار تېيىلىش مەيدانلىرى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا داڭق چىقاردى.
قار - مۇز پائالىيىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان «يېڭى مۇسابىقە يولى» بولدى، «جۇڭگو قار ماكانى» «پاكىز تۇپراق قاناس . قار ماكانى ئالتاي» «ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي» قاتارلىق ماركىلار شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىغا داڭلىق. ئۇدا 18 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ھەمدە ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار - مۇز مەنزىرىسى بايرىمى، ئۇلۇنگۇر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى، شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم قار - مۇز بايرىمى پائالىيەتلىرى شىنجاڭ قار - مۇز ئىقتىسادى داڭلىق ماركىلىرىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى.
قار - مۇز بىلەن مەدەنىيەت - ساياھەت، تەنتەربىيە، پەن - تېخنىكا، قاتناش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى قار - مۇز ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتتى. مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى قار - مۇز مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ قېزىپ، خاس قار - مۇز ساياھىتى لىنىيەسى ۋە تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتتى؛ تەنتەربىيە تارماقلىرى تۈرلۈك قار - مۇز تەنھەرىكىتى مۇسابىقىلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتى بىلىملىرى ۋە ماھارىتىنى كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، تەنھەرىكەت كەسپى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، مەيدان - ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى؛ قاتناش تارماقلىرى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىش، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى كۆپەيتىش، قار - مۇز ساياھىتى مەخسۇس نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ساياھەت قاتناش مۇلازىمىتىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى... شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى پارلاق ئىستىقبالغا يۈزلەندى.
شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئۆزىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە خاسلىقىغا ئاساسەن، قار - مۇز ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە مۇناسىپ يىرىك پىلان ۋە سىياسەت - تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، قار - مۇز كەسپىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايونلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ رايونلار ماس تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولدى. «جۇڭگو قار ماكانى» ئالتاي ئۆزىنىڭ مول قار - مۇز بايلىقىغا تايىنىپ، دۆلەت ئىچىدە داڭق چىقارغان كۆپلىگەن قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى بەرپا قىلدى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى قاتناش، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قار - مۇز ساياھىتى، قار - مۇز مۇسابىقە پائالىيەتلىرى قاتارلىقلارنى پائال راۋاجلاندۇردى.
قار - مۇز تەنھەرىكىتى قىزغىنلىقى شىنجاڭ تۇپرىقىنى قاپلىدى، قار - مۇز مۇسابىقە پائالىيەتلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك بارلىققا كەلدى، قار - مۇز ئىستېمالى ئەۋج ئېلىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى، قار - مۇز مەدەنىيىتى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، قار - مۇز كەسىپلىرى مارجاندەك تىزىلدى... چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش، ماس تەرەققىي قىلىش قار - مۇز ئىقتىسادى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىللاشقان ئىستېمال كۆرۈنۈشى ۋە مەھسۇلات ھالىتى يارىتىپ بېرىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ماس تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. قار - مۇز ئىقتىسادى «قىش» شامىلىغا تايىنىپ بارغانسېرى «قىزىماقتا».
قار - مۇز ئىستېمالى
قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق
2024 - يىللىق مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادى، قار - مۇز ئىقتىسادى، ياشانغانلار ئىقتىسادىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، قار - مۇز ئىقتىسادى يەنە بىر قېتىم مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. «قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2027 - يىلىغىچە جۇڭگونىڭ قار - مۇز ئىقتىسادى ئومۇمىي كۆلىمى 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ. 2030 - يىلىغىچە، قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق كەسىپ زەنجىرىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك ماس يۇغۇرما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قار - مۇز ئىستېمالى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ.
قار - مۇز ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىدە ئىنتايىن مۇھىم، قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش - قىلالماسلىقى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ قانچىلىك ئېگىزدە پەرۋاز قىلالىشى، قانچىلىك يىراققا پەرۋاز قىلىپ بارالىشىدىكى ئاچقۇچ. شىنجاڭدا ئەنئەنىۋى ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلى 5 - ئايدىن 10 - ئايغىچە بولىدۇ، يېرىم يىلدىن كۆپرەك داۋاملىشىدىغان قىش، ئەتىياز پەسلى ئەنئەنىۋى ساياھەتچىلىكنىڭ كاسات مەزگىلى، بولۇپمۇ قىش پەسلىدە، نۇرغۇن مەنزىرە رايونى تاقىلىدۇ، ساياھەت كارخانىلىرى تىجارەتتىن توختايدۇ. قار - مۇز ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغاندىلا، ئاندىن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ساياھەتنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ياز پەسلىدىكى «بىر كۈينى تەكرار قويۇش»تىن كۆرۈنۈش يۇغۇرۇلغان «تۆت پەسىلدە ئۇلاپ چېلىش»قا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
2023 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە بولغان قار پەسلىدە، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى جەمئىي 92 مىليون 585 مىڭ 100 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئالدىنقى قار پەسلىدىكىدىن %147.78 ئاشتى؛ 106 مىليارد 697 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىلىپ، ئالدىنقى قار پەسلىدىكىدىن %263.74 ئاشتى. 2024 - يىلى، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 300 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 2023 - يىلىدىكىدىن تەخمىنەن %14 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
شىددەت بىلەن ئاشقان سانلىق مەلۇماتلار شىنجاڭ قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھارارىتىنى نامايان قىلدى، قىشلىق ساياھەتنىڭ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى ئورنى ۋە رولى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم بولدى.
ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇشتا، تەمىنات تەرەپتىن كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ. «يېڭىلىق»لارنىڭ بارلىققا كېلىشى شىنجاڭ قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھەر يىلدىكى نورمال ھالىتى. 2024 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە بولغان قار پەسلىدە، قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا يېڭى تۈرلەر، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى يېڭىدىن 86 قار ياساش ماشىنىسى، 4000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قار ياساش تۇرۇبا لىنىيەسى ھەمدە يېڭى ئاسما ۋاگونلارنى كۆپەيتىپ، يۇقىرى بوشلۇقتىن ئارقاندا سىيرىلىش، يۇقىرى بوشلۇقتا دارۋازلىق ماھارىتى كۆرسىتىش قاتارلىق 20 نەچچە تۈرنى يولغا قويدى؛ تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى ئاتا - ئانا ۋە بالىلار كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى، قارلىق دالا موتوسىكلىتى قاتارلىق تۈرلەرنى كۆپەيتتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكلىغۇچ قاتارلىقلارنى تەسىس قىلدى؛ كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش يوللىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاسما يولنى كۆپەيتتى؛ جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قار ياساش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتتى ھەم نۇرغۇن قار يولى ياسىدى، بۇ، ماھارەت كۆرسىتىش ۋە كۆڭۈل ئېچىشقا ماس كېلىدىغان مۈشۈكچە سەكرەش يولى، دولقۇنسىمان يول قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ...
زىمىستان قىش كىرىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ساياھىتى يەنە بىر قېتىم شانلىق پەيتنى كۈتۈۋالدى.
2024 - يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمىدىكى 18 تۈرلۈك ئاساسلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەت، 222 تۈرلۈك قار - مۇز ساياھىتى پائالىيىتى ۋە قار - مۇز مۇسابىقە پائالىيىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلاردا ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. توزغاق قار، كۆك مۇز، تۇمان سۆڭگۈسى، مۇز پۈۋەك... ھەرقايسى جايلاردىكى ئاجايىپ قار - مۇز مەنزىرىلىرى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇردى؛ مۇز چىراغلارنى تاماشا قىلىش، قار ئويمىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش، قىشلىق بېلىق تۇتۇشقا قاتنىشىش... تۈرلۈك قار - مۇز مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن كىشىلەر مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى؛ قارلىق دالا ئات بەيگىسى، مۇز ئۈستى ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى، يەرشارى بويىچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەبىئىي قارلىق دالىدا تېيىلىش مۇسابىقىسى... قار - مۇز مەدەنىيىتى، تەنھەرىكىتى، ساياھىتى يۇغۇرۇلغان ياخشى پائالىيەتلەر كەينى - كەينىدىن ئۆتكۈزۈلدى، ئۇنىڭغا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى قاتارلىق تارماقلار ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر تارقاتقان تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمال بېلەتلىرى قوشۇلۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قار قىزغىنلىقى ئەۋجىگە چىقتى.
قار - مۇزلۇق دالىلار گۈزەل شىنجاڭنى چىرايلىق بېزىدى، قار - مۇز بايلىقىنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى. بۈگۈنكى شىنجاڭ تۇپرىقىدا تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ۋە مول تەسىراتلار ئارقىلىق قار - مۇز ئىستېمالىنىڭ سىجىل كېڭىيىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، «ئاپئاق قار» بايلىققا ئايلانماقتا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «يېڭى باھار»ى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى قار - مۇز بايلىقلىرى ئارىسىدىن تېز قەدەم بىلەن يېتىپ كەلمەكتە.