تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ توپلاش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

«پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تىلغا ئالغاندا، مەن شىنجاڭنىڭ 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىنى ئالقىشلايمەن.» جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، نەنفاڭ پەن ـ تېخنىكا داشۆسىنىڭ مۇدىرى شۆ چىكۇن 2024 ـ يىلى 9 ـ ئايدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلارغا كىۋانت پەن ـ تېخنىكىسىغا ئالاقىدار بىلىملەرنى سۆزلىگەندە، مەخسۇس بۇ سۆزنى قىلغانىدى.

ئالقىشنىڭ ئارقىسىدىكىسى بىر ئالىمنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان تەشنالىقى، بىر مائارىپچىنىڭ چېگرا رايون مىللەتلەر رايونىدىكى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىختىساسلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكى بولدى.

تالانتلىقلار توپلانسا، ئىشلار روناق تاپىدۇ. يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ تەخىرسىز بولدى.

قانداق قىلغاندا چىنار تىكىپ سۇمۇرغ جەلپ قىلغىلى، ئىختىساسلىقلارنى كەڭ جەلپ قىلغىلى بولىدۇ؟

2022 ـ يىلى 10 مىليارد يۈەنلىك شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 2024 ـ يىلى شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا يەنە چوڭ ھەرىكەتكە كەلدى: شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى؛ «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى»نى كىرگۈزۈش پىلانىدا ئىختىساسلىقلارنى جانلىق كىرگۈزۈش تۈرىدىن ئۈچى يېڭىدىن تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭ سىرتىدىن پېنسىيەگە چىققان بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەرنى كىرگۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە مۇلازىمەت قىلىشقا ئەۋەتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى...

شىنجاڭ پۈتۈن جەمئىيەتكە ئىختىساسلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىختىساسلىقلارغا تەشنا بولۇش سىگنالىنى تېخىمۇ ئېنىق تارقاتتى.

كۆپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش

ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ پىلانلاش

2024 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، ئۇ شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلار كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئۈستىگە ئالغان.

ئىختىساسلىقلار گۇرۇھى ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدىكى يېڭى شەيئى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مەھسۇلى. يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن جايدا ئۆلكە دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلار گۇرۇھى قۇرۇلۇپ، بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئېچىلدى ۋە تەقسىملەندى. شىنجاڭ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۈكسەك ئىرادە تىكلىدى.

شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى يوپۇق ئېچىشتىن بۇرۇن، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. تور ئەھلى كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتا پەقەت ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ئىش ئورنىلا ئەمەس، بەلكى شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەسىدە قانداق يېڭى ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى بولدى. بۇ، ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا نىسبەتەن مۇھىملىقىنى، شۇنداقلا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ شىنجاڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور جاڭ شو مۇنداق دېدى: گۇرۇھنى تەشكىللەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىمىز ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىمىز، بۇ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ھازىر، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، مەيلى جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ياكى «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇشنى تېزلىتىش بولسۇن، مەيلى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ياكى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش بولسۇن، شىنجاڭ ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق، ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ تەقەززا، شۇنداقلا تېخىمۇ مۇھىمى ئىختىساسلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش شارائىتى بار.

ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى، ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، شىنجاڭ ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى پائال ئىگىلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى ياخشى قىلدى.

ئۆتكەن ئىككى يىلدىكى ئاساستا، 2024 ـ يىلى شىنجاڭ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇملۇقىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى پەن ـ مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاش كېرەك.

2024 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: «مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك» «يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ئىختىساسلىقلار، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك».

ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ۋە «يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىقلارغا ئاساسەن، شىنجاڭ رايون خاسلىقىغا ئىگە ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولى، ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ، تىرىشىپ نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىختىساسلىقلار رىقابەت سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈردى.

10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى داۋاملىق كۈچ چىقاردى. «زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى كۈچەيتىش»تىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، مالىيە قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، سىجىل تۈردە ئىختىساسلىقلار سېلىنمىسىغا ئالدىن مەبلەغ سالدى، چىداپ مەبلەغ سالدى، ئۇدا مەبلەغ سالدى.

«بىرىنچى قول رەھبەر» «بىرىنچى بايلىق»نى تۇتۇش پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشتىكى ئاچقۇچ. 2024 ـ يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم مۇھىم يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئىختىساسلىقلارغا دائىر قارالمىلارنى مۇھاكىمە قىلدى؛ پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلارنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئىشلىتىشنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ شىنجاڭ نېفىت ـ تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق تىرەك بولۇش بويىچە ئاكادېمىكلار دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى، شىنجاڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىغا قاتناشتى، ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى... يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلدى، يېتەكلىدى، ئۈلگە كۆرسەتتى، شىنجاڭدا بىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات بارغانسېرى قويۇقلاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ئارقا ـ ئارقىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا كېلىپ تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا جەلپ قىلدى.

سەھنە ھازىرلاش

ئىختىساسلىقلارنى توپلايدىغان «كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى» بەرپا قىلىش

2024 ـ يىلى 4 ـ ئايدا، كىرگۈزۈلگەن يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساس ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا داشۆسى ئوت ئاپىتى ئىلمى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، 34 ياشلىق زېڭ جې جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا ـ خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىختىساسلىقلار ياتاق بىناسىغا كۆچۈپ كىردى.

ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى ساھەسىنى ئاساسلىق تەتقىقات يۆنىلىشى قىلغان زېڭ جې مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ مول نېفىت ـ تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق بايلىقلارغا ئىگە بولۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى زور كۈچ بىلەن قۇرۇۋاتىدۇ، ئالاقىدار تەتقىقات ۋە قوللىنىشنىڭ ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق. «شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار سىياسىتى ناھايىتى ياخشى، بىز پەن تەتقىقات بىلەن ئەركىن ـ ئازادە شۇغۇللىنالايمىز.» زېڭ جې مۇنداق دېدى: مەن «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى»نى كىرگۈزۈش پىلانىدىكى ياش دوكتورلار تۈرىگە ئىلتىماس قىلدىم.

«پۇل خەجلەشتىن قورقماي» ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ، ۋەدىسىدە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشتە يېتەرلىك «بىخەتەرلىك تۇيغۇسى» بەردى، «ماگنىت مەيدانى» تەسىرى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

2024 ـ يىلى 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىنىڭ موتورلۇق رولى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇلۇپ، 3 ـ تۈركۈمدىكى «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى باشلاندى.

جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان كەسىپلەر خۇددى كۈچلۈك ماگنىت مەيدانىدەك نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىش ئورنى يارىتىپ، مول ئەمەلىيەت پۇرسىتى ۋە كەڭ ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنتىلىشىگە ماس كېلىدۇ.

شىنجاڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىپ، جايلاردىكى ئىختىساسلىقلارنى تالانتىنى نامايان قىلىدىغان كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلىدى. «تىيانشان تالانتلىقلىرى» يېتىشتۈرۈش پىلانى، «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى»نى كىرگۈزۈش پىلانىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئىختىساسلىقلار پىلانى ھەم بەش مۇھىم ئىختىساسلىقلار تۈرى تەسىس قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، «قەھرىمانلار»نى شىنجاڭدا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشتە جەزمەن مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا قويۇپ، ئېھتىياج يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا قوللاش كېرەك.

دىققەتنى نۇقتىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونى، قاراماي شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، قورغاس شەھىرى قاتارلىقلاردا ئالدى بىلەن ئىختىساسلىقلار ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ رايونلارغا مۇۋاپىق جايلىشىشى ۋە ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى توپلىدى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست ۋە ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى قوللاپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئاساسىي قاتلامغا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇردى، يولغا قويۇلغان ئىختىساسلىقلار پىلانى تۈرى ئايرىم تۈزۈلۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەخسۇس تۈرلەر ياكى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇلدى.

«ئىختىساسلىقلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنسېرى شۇنچە كۆپىيىدۇ، ئىختىساسلىقلارغا ئېتىبارسىز قارىغانسېرى شۇنچە كېمىيىدۇ.» شىنجاڭ ئىختىساسلىقلارغا تولۇق ھۆرمەت قىلدى، ئىختىساسلىقلارنى ئەتىۋارلىدى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش مەنبەسى شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۇرغۇدى.

شىنجاڭ داشۆنىڭ «تىيانشان تالانتلىقلىرى» بويىچە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى باشلامچى ئىختىساس ئىگىسى ۋاڭ ۋېيچىڭ كوللېكتىپنى باشلاپ، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى توكلۇق كونترول قىلىش سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ ھەم كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى؛ شىنجاڭ پاختا سىستېمىسى مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى تەتقىق قىلىپ چىققان كېۋەز يېڭى سورتى، يېڭى تېخنىكىسى شايار ناھىيەسىدىكى 520 مىڭ مو يەردە كېڭەيتىلىپ ۋە قوللىنىلىپ، 920 مىليون يۈەن تەننەرخ تېجەپ قېلىندى، ئۈنۈم ئاشۇرۇلدى...

شىنجاڭ بىلەن ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەمكارلىقى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. كەسىپ تەرەققىياتىدىكى توسۇق نۇقتا، ئاغرىق نۇقتىلارنى نىشانلاش، «ئاكادېمىكلارنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى سەپىرى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق، كەسىپلەردىكى «ئەڭ كۈچلۈك مېڭە»لەرنى نۇرغۇن ساھەگە تومۇر تۇتۇپ ئەقىل كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلدى.

ياراملىق ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلسە، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ قوشۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئىختىساسلىقلار يېڭىلىق يارىتىش قۇۋۋىتى ئۇرغۇماقتا.

مېخانىزم بەرپا قىلىش

ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇش

ئىختىساسلىقلار ئېكولوگىيەسى خۇددى يامغۇرلۇق ئورماندەك كۆپ خىل، ئېچىۋېتىلگەن، ھەرىكەتچان تەبىئىي سىستېما بولۇپ، مول ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر تۈر توپىغا، يېتەرلىك قۇياش نۇرى، ھاۋا ۋە سۇغا موھتاج.

دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردە كەسكىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئادەم تالىشىش جېڭى»گە نەزەر سالساق، بىر يۆنىلىش ناھايىتى ئېنىق − ئىختىساسلىقلار رىقابىتى نوقۇل سىياسەت جەھەتتە بەسلىشىشتىن تەدرىجىي ھالدا ئىختىساسلىقلار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى رىقابىتىگە ئۆزگەردى. ئادەمنى قالدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن، ئىشنى مېخانىزم بەرپا قىلىشتىن باشلاپ، بوشلۇق، مۇھىت، مۇلازىمەت، مەبلەغ، مەدەنىيەت قاتارلىق ئامىللارنى تولۇق بىرلىشىپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ، «ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى» شەكلىدىكى ئىختىساسلىقلار ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئىختىساسلىقلار رىقابىتى ئالدىدا، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىدا «بىكار قىلىش» بىلەن «ئورنىتىش»نى چىڭ كۆزلەپ، ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنىڭ توپلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى رولىنى سىجىل كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ روشەن پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئاشۇردى.

سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھوقۇق بېرىپ باغلاقنى بوشىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن 31 تۈرلۈك يۈرۈشلۈك ئىختىساسلىقلار ئىسلاھاتى سىياسىتى تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلدى.

«يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش توغرىسىدىكى ئون ماددىلىق مەدەت بېرىش تەدبىرى» چىقىرىلدى، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسەت كۆرسەتمىسى» ئېلان قىلىندى... سىياسەت ـ تەدبىرلەر تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، مەشغۇلات يولى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى.

خوتەن ۋىلايىتىدە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تۇنجى تولۇق كۇرس مەكتىپى − شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى قۇرۇلدى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى ئاۋىياتسىيە كەسپى شۆيۈەنىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى... ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساس تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى، ئاساس پەن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئەتراپلىق پىلانلاندى.

ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش يولىدا ياخشى مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭ مىسلىسىز جاسارەت بىلەن سىرتتىن «مېڭە ئارىيەت ئالدى».

شىنجاڭ «بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاكادېمىكلار ھەم ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى كىرگۈزۈپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا نازارىتىنىڭ 2 ـ دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى يۈ يىڭرۇڭ مۇنداق قارىدى: بۇ يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرى يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە توپلىنىش ئۈنۈمى شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، بىر قىسىم ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنىڭ 100 مىليارد يۈەنلىك، 1 تىرىليون يۈەنلىك مەھسۇلات قىممىتى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

...

ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلاردىن پايدىلىنىش، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەش، ئىختىساسلىقلارغا كۆيۈنۈش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكىنىڭ تېز بەرپا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ «تۇلپار»نىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا بەس ـ بەستە بەيگىگە چۈشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.