مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە
2024-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم ئۆلچىمى يەنە ئۆستۈرۈلگەن
تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى مۇكاپات ئۆلچىمى
ھەربىر ئادەم ھەر يىلى 8000 يۈەندىن
10 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن
2024-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى 2024-2023 ئوقۇش يىلى دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى نەق مەيداندا باھالاپ بېكىتىش يىغىنى ئۆتكۈزمەكتە. سۈرەتنى شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى تەمىنلىگەن
2024-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مالىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار ئېلان قىلغان «ئالىي مائارىپ باسقۇچى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئالىي مائارىپ باسقۇچى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى ئەلالاشتۇردى، 2024-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ مۇنداق بولدى ↓↓
ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغان تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 581دىن 1162گە كۆپەيتىلدى، مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئادەم ھەر يىلى 8000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى؛
دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغان ماگىستىر ئاسپىرانتلارنىڭ سانى 404تىن 808گە، دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغان دوكتور ئاسپىرانتلارنىڭ سانى 56دىن 112گە كۆپەيتىلدى، مۇكاپات ئۆلچىمى دوكتور ئاسپىرانتلارنىڭ ھەربىر ئادەم ھەر يىلى 30 مىڭ يۈەن، ماگىستىر ئاسپىرانتلارنىڭ ھەربىر ئادەم ھەر يىلى 20 مىڭ يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى؛
دۆلەت ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغان تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 29 مىڭ 360 بولۇپ، مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئادەم ھەر يىلى 5000 يۈەندىن 6000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى؛
دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنىڭ قاپلاش دائىرىسى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى %28، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى %30.8 بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئىقتىسادىي ياردەم ئۆلچىمى ھەبىر ئادەم ھەر يىلى 3300 يۈەندىن 3700 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2024-يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا 1 مىليارد 276 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىلغان، تۈرلۈك سىياسەتلەردىن مەنپەئەتلەنگەن ئوقۇغۇچى 831 مىڭ 200 ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن، تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى تەربىيەلەشكە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تاماق ياردەم پۇلى، ئاسپىرانتلارنىڭ دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى قاتارلىق 16 مەخسۇس تۈرگە چېتىلغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى