تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېڭى يىل بىرلىكتە تەبرىكلەندى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى

يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا، ھەممە يېڭى تۈسكە كىردى. گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش، ناخشا - ئۇسسۇللارنى تاماشا قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇپ يۈگۈرۈش... يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى چىرايلىق ياسانغان بولۇپ، ھەرقايسى جايلار شەكلى كۆپ خىل، خاسلىققا ئىگە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما خۇشال كۈلكە - چاقچاق سادالىرى ئىچىدە بىر - بىرىگە بايراملىق تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ، يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

ياڭراق دۇمباق ئاۋازى، گۈزەل ئۇسسۇل، شوخ ناخشا... 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى 2025 - يىللىق يېڭى يىللىق بەخت تىلەش، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. «بۈگۈن يېڭى يىل كۈنى، شىنجاڭدا يېڭى يىلنىڭ 1 - كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى. ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى تىلەيمەن! ئائىلەمدىكىلەرگە تىنچ ئامانلىق تىلەيمەن.» جېجياڭلىق ساياھەتچى شۈ يۈئەن نەق مەيداندىكى ھەمتۈرتكە ھالقىسىدا ئارتىسلار بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينىدى.

شۇ كۈندىكى تىيانشان بوغدا كۆلىنىڭ يۈزى تەبىئىي كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىغا ئايلاندى، مۇز ئۈستى سوقما ماشىنىسى، ئىت تارتىدىغان چانا، مۇز ئۈستى موتوسىكلىتى قاتارلىق 17 تۈرلۈك قار - مۇز پائالىيىتى ساياھەتچىلەرنى ئېگىز تاغدىكى مۇز كۆلدە قىش مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شىنجاڭ بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى تەشۋىق - تەربىيە، قانۇن - نىزام باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بەي لىمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2024 - 2025 - يىللىق قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە، مەنزىرە رايونىمىز 11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاممىۋى قار - مۇز پەسلى تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا مۇز ئۈستى يەلكەنلىك كېمە ئاشكارا مۇسابىقىسى، ئاممىۋى قار تېيىلىش ئۆلچىمىگە يېتىش سىناق مۇسابىقىسى. تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدان بېكىتى قاتارلىق 20 نەچچە تۈرلۈك سەرخىل مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ خۇشاللىقىدىن يەتكۈچە بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

يېڭى بىر يىلدا، بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسىنىڭ قۇم كەنتىگە چوڭ قىزىل پانۇسلار ئېسىلغان، قاتار - قاتار كىچىك ياغاچ ئۆيلەر گىرەلەشكەن بولۇپ، چۆچەكلەردىكىدەك قار مەنزىرىسى تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

«قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش بىزگە ئوخشاش قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا مەخسۇس بايرام ئۆتكۈزۈش تۇيغۇسىنى ھېس قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.» 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، خۇبېيدىكى نوپۇزلۇق چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى لى كەي 3 - قېتىم قار تېيىلىش پەسلىدە قۇم كەنتىگە قار تېيىلىش ئۈچۈن كەلدى. ئۇ شۇ جاينىڭ ئەلا سۈپەتلىك قار تېيىلىش بايلىقى ۋە قولايلىق بولغان، يۈرۈشلەشكەن يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ شارائىتىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ يەنە بىر قېتىم قۇم كەنتىدە قار تېيىلىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى.

يۈگۈرۈپ ئەڭ گۈزەل مەنزىرە بىلەن ئۇچرىشىش، يۈگۈرۈپ يېڭى سەھىپە ئېچىش، 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ 2025 - يىللىق مارافون مۇسابىقىسى قىزغىنلىق ئىچىدە باشلاندى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق مارافون ھەۋەسكارى يۈگۈرۈش داۋامىدا يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋ شىرېن دېھقانچىلىق مەيدانىدا، 2025 - يىللىق «شۇيمو تىيانشان يېڭى يىلدا تۇنجى يۈگۈرۈش» پائالىيىتى باشلاندى، 2100دىن ئارتۇق ئادەم كۆك ئاسمان بىلەن ئاپئاق قار ئارىسىدا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ 2025 - يىلىنى كۈتۈۋالدى.

يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى، قارلىق ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مەشىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم لۈسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىرلىكتە بايراق چىقىرىپ، يېڭى يىلدىكى تۇنجى قۇياش نۇرىنى كۈتۈۋالدى.

يېڭى يىل قوڭغۇرىقى چېلىنغان ئاشۇ دەقىقىدە، قەشقەر شەھىرىدە 2025 دانە شار ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل ئارزۇلىرىنى ئېلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، ئۈمىدكە تولغان يېڭى بىر يىل باشلاندى.

1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، «ئەڭ يېقىملىق بالىلار ناخشىسى، شادلىققا تولغان بالىلىق چاغلار» 2025 - يىللىق شىنجاڭ 4 - نۆۋەتلىك جەلپكار بالىلار ناخشا كېچىلىكى شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى خور ئۆمەكلىرىدىن كەلگەن 280دىن ئارتۇق ياش - ئۆسمۈر نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان قالتىس مۇزىكا كاتتا زىياپىتى ئېلىپ كەلدى. «مەڭگۈلۈك بالىلار ناخشىسى» «پەرىشتىنىڭ كۆزى»... بالىلار كامالەتكە يەتكەن بەدىئىي ئىپادىلەش كۈچى بىلەن تاماشىبىنلارغا يېڭى يىللىق بەخت تىلىدى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 - ئوتتۇرا مەكتىپى (ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى مەكتەپ رايونى)نىڭ 7 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى موۋ جىنكۇن ۋە ئۆمەك ئەزالىرى «ۋەنجياڭ» ناملىق خورنى ئورۇنلىدى. «<ۋەنجياڭ>نىڭ ھەربىر مىسراسىدا دۆلىتىمىزنىڭ تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى، يۇرتىمىزنىڭ تىنچ - ئامانلىقى مەدھىيەلەنگەن، ھەر قېتىم بۇ ناخشىنى ئېيتقاندا ئىنتايىن تەسىرلىنىمەن» دېدى موۋ جىنكۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.