■ئىستون سۆزى
يېڭى بىر يىل باشلاندى، بارلىق شەيئىلەرنىڭ قىياپىتى ئۆزگىرىپ يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى، «جياڭ شياۋيەن» بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى! ياخشى مەزمۇن ياخشى يېزىقچىلىق ئىستىلى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى يېڭى بىر يىلدا «جياڭ شياۋيەن» يۇغۇرما تاراتقۇ ئوبزور سەھىپىسى بەرپا قىلىشقا كۈچەپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا تېمىلىرىنى نىشانلاپ، ئىنچىكە، نازۇك نۇقتىلارنى توغرا تاللاپ، ئىخچام، ئەمەلىي، يېڭى بولۇشتىن ئىبارەت يېزىقچىلىق ئىستىلى ئارقىلىق ئەھمىيىتى بار پارتىيە گېزىتى ئوبزورلىرىنى مەنىلىك ئىپادىلەيدۇ. دىققىتىڭلاردا بولسۇن.
«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، ھەربىر ئادەم باش رولچى، ھەربىر ئۈلۈش ئەجىر ناھايىتى قىممەتلىك، ھەربىر دەستە نۇر يارقىن چاقنايدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2025 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىكى بۇ سۆزلەر قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، شۇنداقلا ھەربىر كۈرەش قىلغۇچىغا نىسبەتەن سەمىمىي تەقدىرلەش بولدى.
بىز دائىم كۆزنى چاقنىتىدىغان يۇلتۇزلارنى قوغلىشىمىز، لېكىن ھەمىشە ئەتراپىمىزدا چاقناپ تۇرغان سانسىزلىغان سۇس نۇرلارغا سەل قارايمىز، ھالبۇكى «ھەربىر دەستە نۇر يارقىن چاقنايدۇ»، بۇ دەل شەخسلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە مۇۋەپپەقىيىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلغانلىق ۋە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك. بۇ بىزنى مەيلى قانچىلىك كىچىك ياكى ئاددىي بولسۇن، پەقەت تىرىشىپ نۇر چېچىپ ھارارەت تارقاتسىلا، ھەممىسى جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندۈردى.
ۋاقىتقا قايتا نەزەر سالساق، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا «شىنجاڭ نۇرى» ھەممىلا جايدا چاقناپ تۇرماقتا. تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلىدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىدا مېڭىشقىچە؛ ئۆتكەن بىر يىلدا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 300 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىشتىن تەكلىماكان قۇملۇقىغا 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان «يېشىل شارپا» تاقاشقىچە... ھەربىر «شانلىق پەيت»لەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش يورۇقلۇق مەنبەسى − شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ئۆز خىزمەت ئورنىدا نۇر چاچقان ھەربىر كىشىدىن كەلگەن. بۇ ياكى يورۇق، ياكى سۇس نۇرلار ئورتاق مۇجەسسەملىنىپ چاقناپ نۇر چېچىپ تۇرغان شىنجاڭنى ھاسىل قىلدى.
«ھەربىر دەستە نۇر يارقىن چاقناپ»، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەيدىغان گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى. چۈنكى ھەر بىر يۇلتۇز قانچە چاقنىسا، ئاسمان شۇنچە جۇلالىنىدۇ؛ ھەربىرىمىز تىرىشساقلا، شىنجاڭ شۇنچە گۈزەل بولىدۇ.
شەرەپ ھەربىر دادىل، مەسئۇلىيەتچان كۈرەش قىلغۇچىغا مەنسۇپ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش مۇساپىسىدە، ھەربىر كىشىنىڭ ھەممىسى گۈزەل كەلگۈسىنى يورۇتىدىغان يورۇقلۇق مەنبەسىگە ئايلىنالايدۇ، ھەممىسى شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ پارلاق، شانلىق ئەتىسىگە ھۆسن قوشالايدۇ.