− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
«2024 - يىلى، بىز بىرلىكتە تۆت پەسىلنى باشتىن كەچۈردۇق، بىرلىكتە بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن گۈزەل ھەسەن - ھۈسەننى كۈتۈۋالدۇق، ھەربىر پەيت بۇ ئالاھىدە بىر يىلغا نەقىشلەندى، بۇ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدۇ».
يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2025 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن يوللانغان ھەربىر سالام كىشىلەر قەلبنى ئىللىتتى؛ ھەربىر ئېغىز سەمىمىي ئۈمىد كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
«رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، ئاشلىق ھوسۇلى 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭدىن ئېشىپ، جۇڭگو قاچىسىغا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئاشلىقى قاچىلاندى، دەپ تىلغا ئالدى.» بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى تېرىقچىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دۇڭ داۋفانى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. 2024 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 46 مىليارد 600 مىليون جىڭ بولۇپ، 2023 - يىلىدىكىدىن 4 مىليارد 220 مىليون جىڭ ئېشىپ، ھوسۇلنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى؛ بىرلىك ھوسۇلى 524.8 كىلوگىرام/ مو بولۇپ مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇنغا ئۆرلىدى؛ شىنجاڭنىڭ بۇغداي يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كۆرسەتكۈچىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى، 1 - دەرىجىلىك بۇغداينىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى، ئوتتۇرىچە بىرلىك ئېغىرلىقتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ بىردەك مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى. «شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، 2024 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر يىل بولۇپ، جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇشقا شىنجاڭ كۈچىنى قوشتى. دۇڭ داۋفا مۇنداق دېدى: 2025 - يىلى دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشىمىز.
«يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، گۈزەل جۇڭگو مەنزىرىسى تەدرىجىي نامايان بولغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى. بۇ، سانجى شەھىرىنىڭ يېڭى بىر يىلدىكى تەرەققىياتىغا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سانجى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى چاڭجياڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، داۋاملىق تۈردە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى پۇختا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تىرىكى بىلەن تەمىنلەيمىز».
رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تىلغا ئېلىپ، جۇڭگو لۈفا گۇرۇھى شىنجاڭ جۇڭلۈديەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، بىخەتەرلىك باش نازارەتچىسى گو فەندۇڭنىڭ غەيرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. ئۆتكەن بىر يىلدا، شىركەت بۇ نىشاننى كۆزلەپ ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى. «بىز مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ شامال - يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى بايلىقى ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، <يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش> <چارۋىچىلىق بىلەن يورۇقلۇق ۋولت بىر - بىرىنى تولۇقلاش> قاتارلىق ئەندىزىلەرنى تولۇق راۋاجلاندۇرۇپ، بەش يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇشنى پىلانلىدۇق.» گو فەندۇڭ مۇنداق دېدى: 2024 - يىلى شىركىتىمىز يېڭىدىن كۆپەيتكەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 12 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى، 2025 - يىلى تۈرلەرنىڭ ئاشقان قىسمىنىڭ كەينى - كەينىدىن تورغا ئۇلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىركىتىمىزنىڭ شىنجاڭدىكى يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ تورغا ئۇلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى 14 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق يېڭى قۇۋۋەت قوشىدۇ.
«پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچىلىكنى تالىشىپ، چېگرا سىرتىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياش بىر ئەۋلادنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جەسۇر قىياپىتىنى نامايان قىلدى.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئاپتونوم رايونلۇق كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرى مەشىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چيۇ ۋېنجۈنگە ئۆتكەن بىر يىلدا شىنجاڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلەتتى. «بۇ، بىز تەنتەربىيە خىزمەتچىلىرىگە بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش.» چيۇ ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرى مەشىق مەركىزىنىڭ ھەرقايسى تۈردىكى تەنھەرىكەت كوماندىلىرى ئولىمپىك روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇساۋگوۋ بازىرى سىگۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نىگارە ئابدۇنەبىنىڭ قەلبىنىمۇ ئىللىتتى. سىگۇڭ كەنتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى جاراڭلىق نامى − خۇاڭخۇاڭ كەنتى. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2024 - يىلى خۇاڭخۇاڭ كەنتى مۇزىكا پەسلى، كەنتلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى قاتارلىق مول، رەڭدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى سانسىزلىغان ساياھەتچىلەرنى بەس - بەستە كېلىشكە جەلپ قىلدى. «تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى، كۆڭلىمىزمۇ ئازادە بولدى، پەقەت بوشاشماي كۈرەش قىلساقلا، تۇرمۇشىمىز چوقۇم بارغانسېرى بەختلىك بولىدۇ.» نىگارەنىڭ كۆزلىرىدە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد نۇرى چاقناپ تۇراتتى.
(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار ليۇ يى، گې يوۋجۈن، يۈ جياڭيەن، دۇڭ لياڭ، ياڭ شۇخەن، سى لۇلۇ، سۇڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لياڭ خۇڭتاۋ، دىڭ لېي، دۇڭ لېيلېي)