1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 23لەر ئەتراپىدا، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ساربۇلاق يايلىقىدا بۇلۇت قاتلىمىدىن تېشىپ ئۆتكەن قىزىل رەڭلىك قۇتۇپ نۇرى. ئالتاي رەسەتخانىسىدىن تيەن چى فوتوسى
يەر ماگنىتى ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە، 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي، قۇم، ئۈرۈمچى داۋانچىڭ، بورتالا ئوبلاستى سايرام كۆلى قاتارلىق جايلاردا يېڭى يىلدىكى تۇنجى قۇتۇپ نۇرى سۈرەتكە تارتىلدى.
شۇ كۈنى كەچ سائەت 21لەردە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىگە جايلاشقان ئالتاي رەسەتخانىسىدا، قىزارغان قۇتۇپ نۇرى ئۇپۇقتا پەيدا بولدى. سائەت 23لەر ئەتراپىدا، قىزىل رەڭلىك قۇتۇپ نۇرى ناھايىتى روشەن بولۇپ، كەڭ كەتكەن قارلىق دالىدا قىزىل نۇردەك چاقناپ تۇراتتى.
بورتالا ئوبلاستىدىكى سايرام كۆلىدىمۇ «نۇر قوغلىغۇچى» قۇتۇپ نۇرى سۈرەتكە تارتىلدى. قىزىل رەڭلىك قۇتۇپ نۇرى كۆل يۈزىدە ئەكس ئېتىپ، گۈزەل ھەم ھەيۋەتلىك كۆرۈندى.
1-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ، بورتالا ئوبلاستىدىكى سايرام كۆلىدە، قۇتۇپ نۇرى ئاسماننىڭ يېرىمىنى قىزارتتى. گاۋ جياخاۋ فوتوسى
1-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ساربۇلاق يايلىقىدا بۇلۇت قاتلىمىدىن تېشىپ ئۆتكەن قىزىل رەڭلىك قۇتۇپ نۇرى كۆرۈندى. ئالتاي رەسەتخانىسىدىن تيەن چى فوتوسى
1-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ، بورتالا ئوبلاستىدىكى سايرام كۆلىدە قۇتۇپ نۇرى پەيدا بولدى. گاۋ جياخاۋ فوتوسى