تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بايىنغولىن ئوبلاستى باھار بايرىمىلىق مال يەرمەنكىسى قىزغىن باشلاندى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  1-ئاينىڭ 1-كۈنى، 2025-يىللىق بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باھار بايرىمىلىق مال يەرمەنكىسى كورلا شەھىرى يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە قىزغىن باشلاندى.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى) 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، كورلا شەھىرى يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئادەم مىغ-مىغ بولۇپ، تۈرلۈك تاۋارلار كۆزنى قاماشتۇراتتى. شۇ كۈنى، 2025-يىللىق بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باھار بايرىمىلىق مال يەرمەنكىسى قىزغىن باشلاندى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق سودىگەر يەرمەنكىگە قاتناشتى، ھاراق، ئىچىملىك، ئورالما يېمەكلىكلەر، قۇرۇق مېۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر، باھار بايرىمىلىق گۈل-گىياھ، ئۆرپ-ئادەت بۇيۇملىرى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق باھار بايرىمىلىق مول ماللار يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە تەرتىپلىك تىزىلغان بولۇپ، يەرمەنكە ئورنى ئالدىدا كىشىلەر ئۆتۈشۈپ، مەسلىھەت سوراپ سېتىۋالىدىغان خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، باھار بايرىمىلىق مال يەرمەنكىسى نەق مەيدانىدا خېرىدارلار باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقتا.

   باھار بايرىمىلىق مال يەرمەنكىسى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئامما باھار بايرىمىلىق مال يەرمەنكىسىدە رازى بولغۇدەك بايراملىق تاۋارلارنى سېتىۋېلىپ، باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزەلەيدىكەن.

  1-ئاينىڭ 1-كۈنى، باھار بايرىمىلىق مال يەرمەنكىسى نەق مەيدانى.

 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، باھار بايرىمىلىق مال يەرمەنكىسى نەق مەيدانىدا قالتىس ئوينالغان ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويۇنى.

1-ئاينىڭ 1-كۈنى، باھار بايرىمىلىق مال يەرمەنكىسى نەق مەيدانىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چۇنليەن يازماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.