2024-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسى شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى 0.25 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بۇنىڭدىن بۇرۇن تارقىتىلىپ بولغان تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى شەخسلەر تۇرالغۇ قەرز پۇلىغا قارىتا، 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
ساقلانما مىقداردىكى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟
ساقلانما مىقداردىكى تۇرالغۇ قەرز پۇلى 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن بۇرۇن تارقىتىلغان تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى شەخسلەر تۇرالغۇ قەرز پۇلىنى كۆرسىتىدۇ، 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مۇناسىپ تۇنجى يۈرۈش، ئىككىنچى يۈرۈش ئۆينىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە تەڭشىلىدۇ، يەنى −
تۇنجى يۈرۈش ئۆزى ئولتۇرىدىغان تۇرالغۇ ئۆي: بەش يىلدىن تۆۋەن (بەش يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى %2.35 بويىچە ھېسابلىنىدۇ، بەش يىلدىن يۇقىرى قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى %2.85 بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛
ئىككىنچى يۈرۈش ئۆزى ئولتۇرىدىغان تۇرالغۇ ئۆي: بەش يىلدىن تۆۋەن (بەش يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى %2.775 بويىچە ھېسابلىنىدۇ، بەش يىلدىن يۇقىرى قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى %3.325 بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
ئاپتوماتىك تەڭشىلىدۇ، ئۆزى مەشغۇلات قىلىپ ئىلتىماس قىلىش ھاجەتسىز
نېمە ئۈچۈن 2024-يىلى 5-ئايدا يولغا قويۇلغان سىياسەت 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاندىن تۆۋەنلەيدۇ؟ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىكى تەلەپ بويىچە، ئىلگىرىكى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلى كېيىنكى يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
سوممىسى 1 مىليون يۈەن، مۇددىتى 30 يىل بولغان تۇنجى يۈرۈش تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى شەخسلەر تۇرالغۇ قەرز پۇلىنى مىسالغا ئالساق، دىرى ۋە ئۆسۈمى تەڭ سوممىدا قايتۇرۇلىدىغان ئۇسۇلنى تاللىغاندا (ھەر ئايدا قايتۇرىدىغان پۇل سوممىسى ئۆزگەرمەيدۇ)، ئايلىق تەمىنلەش سوممىسى 4270.16 يۈەندىن 4135.57 يۈەنگە تۆۋەنلەيدۇ، ئومۇمىي ئۆسۈم چىقىمى 48 مىڭ 500 يۈەن ئازىيىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يېڭى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئاپتوماتىك تەڭشىلىدۇ، ئۆزى مەشغۇلات قىلىپ ئىلتىماس قىلىش ھاجەتسىز. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، نۆۋەتتىكى ئاممىۋى فوندى قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن رېكورتنى ياراتتى.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى