تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قېيىنساي قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىپ بىرلىكتە «سىر ئۈستىدە ئىزدىنىش»

 

12-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر نارات قېيىنساي قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلماقتا. 

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى «ھەقىقىي گۈزەل ماكان قار-مۇز سېھرىي دۇنياسى» قار-مۇز ساياھەت ماركىسىنى يارىتىپ، 4S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانى___قېيىنساي قار تېيىلىش مەيدانىنى قۇرۇپ، لەگلەكسىمان پاراشوتلۇق قار تېيىلىش، پۈتۈن يەر شەكلىلىك دالىدا يۈرۈش، سىرلىق يەرلەرنى كېسىپ ئۆتۈش قاتارلىق قار-مۇز تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش، دالىدا قار تېيىلىش قاتارلىق قار-مۇز مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئائىلىۋى كۆڭۈل ئېچىش شەكلىدىكى قار تىيىلىش، قار-مۇز تەنھەرىكىتى بويىچە تەربىيەلەش، قار-مۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى بىر گەۋدە قىلىنغان قار-مۇز شادلىق باغچىسى بەرپا قىلىپ، ھازىر «تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەت قىلىش»تەك ساياھەت يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

12-ئاينىڭ 27-كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى نارات بوشلۇق ئوتلىقىدا قار تېيىلماقتا.

 نارات نيەنخۇاۋەن قېيىنساي ئىستىراھەت كەنتىگە ئېگىزدىن نەزەر (12-ئاينىڭ 26-كۈنى تارتىلغان). 

12-ئاينىڭ 27-كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى نارات بوشلۇق ئوتلىقىدا قار تېيىلماقتا. 

12-ئاينىڭ 27-كۈنى، نارات قېيىنساي قار تېيىلىش مەيدانى يېنىدا ئارام ئېلىۋاتقان يىلقىلارغا ئېگىزدىن نەزەر. 

12-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر نارات قېيىنساي قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلماقتا.

12-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر نارات قېيىنساي قار تېيىلىش مەيدانىدا غىزالانماقتا، دېرىزىدىن پۈتكۈل قار تېيىلىش مەيدانىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

12-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگولۇق، فىرانسىيەلىك قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى نارات بوشلۇق ئوتلىقىدا بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى. 

«كۆرۈش سېزىمىدىكى شىنجاڭ» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.