خۇش خەۋەر
ئۈرۈمچى مېتروسىدا
ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئېتىبار كېنىشكىسىنى
«سىيرىپ ئۆتۈش» ئىقتىدارى تورغا چىقىرىلدى
ئېتىبار قىلىنىدىغان ئوبيېكىتلار: پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئېتىبار كىنىشكىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىنقىلابىي قۇربانلار، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەر، كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى ئېتىبار كىنىشكىسى» بار كىشىلەر.
ئېتىبار قىلىش دائىرىسى: ئۈرۈمچى مېترو 1 - لىنىيەسىدە مېتروغا ھەقسىز ئولتۇرالايدۇ.
ئېتىبار قىلىش ئۇسۇلى: ئېتىبار قىلىنىدىغان ئوبيېكىتلار ئېتىبار كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالغاندىن كېيىن، بانكا تور نۇقتىسى ئارقىلىق ئېتىبار كىنىشكىسىنى قوزغىتىشنى بېجىرىپ، مەخپىي نومۇرسىز ئاز سوممىلىق چىقىم ئىقتىدارىنى ئېچىپ، ئېتىبار كىنىشكىسى (بانكا بىرلەشمىسى كارتىسى)نىڭ ئىچىدە توققۇز يۈەندىن كەم بولمىغان ئىشلەتكىلى بولىدىغان مەبلەغ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاندىن بېكەت توسۇقىدىن كارتا سۈركەپ مېتروغا چىقسا بولىدۇ، تاق مۇساپىلىك بېلەتنى ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: 1. «ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر، نەپىقە بېرىلىدىغان باشقا ئوبيېكتلارنىڭ ئېتىبار كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئېتىبار كىنىشكىسىنى شۇ كىشى ئۆزىلا ئىشلىتىدۇ، باشقىلارغا ئارىيەتكە بېرىشكە بولمايدۇ. ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتى ئاممىۋى قاتناش قورالىغا ئولتۇرغاندا، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئېتىبار كىنىشكىسى ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرىدۇ، ئەگەر ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش، سۇيىئىستېمال قىلىش ئەھۋالىنى بايقىسا، بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەمدە مېتروغا ئولتۇرۇش قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزىدۇ. ساختا ئېتىبار كىنىشكىسىنى ئىشلىتىپ ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ھەقسىز ئولتۇرغانلار ئالاقىدار قانۇن - بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ 2. ئېتىبار كېنىشكىسى سۈركەپ مېتروغا ئولتۇرۇش ئىقتىدارى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى مېتروغا ئولتۇرۇش ئۇسۇلىنى يەنىلا نورمال قوللانغىلى بولىدۇ، لېكىن بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىشنى قوللىمايدۇ.
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى