تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

كۈندە ئالغىلى بولىدۇ! يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىستېمال بېلىتى كەلدى!

خۇش خەۋەر

1-ئاينىڭ 1-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 

«باھار بايرىمىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پەسلى» دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مودا مەھسۇلاتلار ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى يولغا قويدى

پائالىيەت ۋاقتى بىر ئاي بولىدۇ

    بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە دىققەت دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مودا مەھسۇلاتلار ۋە ئەنئەنىۋى پارچە سېتىش ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «ئىستېمالدىن ھوزۇرلىنىش، بەختىيار سانجى» باش تېما قىلىنىپ، «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، كارخانىلار پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، كارخانىلارغا پايدا يەتكۈزۈپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلدى، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا زىچ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، توردا ۋە تور سىرتىدا ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق، سانجى ئوبلاستى مالىيەسى 1 مىليون يۈەنلىك جەمئىي 19 مىڭ پارچە ئەنئەنىۋى پارچە سېتىش ئىستېمال بېلىتى ئاجرىتىپ، بانكا بىرلەشمىسى «يۈنشەنفۇ» چىقىم سۇپىسى ئارقىلىق دەل جايىدا تارقاتتى.

   يېمەك-ئىچمەك، تۈرلۈك ماللارنى پارچە سېتىش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىستېمال بېلىتى 30 يۈەن، 50 يۈەن، 300 يۈەنلىك ئوخشاش بولمىغان قىممەتكە ئىگە بولۇپ، كۆپ خىل ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

    بېلەت تالىشىش قائىدىسى: 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە بېلەت تالىشىش دەل ۋاقتىدا باشلىنىدۇ، ھەر كۈنى ئۈچ خىل قىممەتتىكى ئىستېمال بېلىتىدىن پەقەت بىرلا خىل قىممەتتىكى ئىستېمال بېلىتىنى تاللاپ، بىرنى تالىشىپ ئېلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بۇ بېلەت شۇ كۈنىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. شۇ كۈنى تەكشۈرۈپ ھېسابتىن ئۆچۈرۈۋېتىلمىگەن ئىستېمال بېلىتى ئەتىسى داۋاملىق تارقىتىلىپ، ھەر بىر بېلەت قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئىستېمالچىلار 200 يۈەن، 500 يۈەن، 3000 يۈەندىن يۇقىرى ئىستېمال قىلسا، شۇنىڭغا مۇناسىپ قىممەتتىكى ئىستېمال بېلىتىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

     بېلەت تالىشىش يولى: يۈنشەنفۇ APPسىنىڭ باش بېتىنى ئېچىش ← تۆۋەنگە سىيرىپ يەرلىك رەڭدارلىق(本地精彩) دېگەن كۆزنەككە كېرىش ← ھۆكۈمەت ئىستېمال بېلىتى(政府消费券)نى چېكىش ← ۋىلايەت، ئوبلاست ھۆكۈمەت ئىستېمال بېلىتى(地州政府消费)نى چېكىش ← سانجى ئوبلاستى(昌吉)نى تاللاش.

   پائالىيەتكە قاتناشقان 100دىن ئارتۇق كارخانا ئوبلاست تەۋەسىدىكى نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى ئەنئەنىۋى پارچە سېتىش كارخانىلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر لەر (باغچا رايونى) كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ تەۋسىيە قىلدى. پائالىيەت مەزگىلىدە، بۇ كارخانىلار باھادا ئېتىبار قىلىش، ئىستېمال مەلۇم سوممىغا يەتكەندە باھانى چۈشۈرۈش، ئېتىبار بېلىتى بېرىش، مۇكاپاتلىق چەك تارتىش قاتارلىق ئېتىبار لىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويىدۇ، بۇنىڭغا ئىستېمال بېلىتىنى قوشۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

 

پائالىيەتكە قاتناشقان كارخانىلار تىزىملىكى

(1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە)



«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.