تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

2025-يىلى، ساغلاملىق مۇلازىمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش %100كە يەتكۈزۈلىدۇ!

12-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىلى، ئىلگىرى قانات يايدۇرۇلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ياشانغانلار ساغلاملىقى ۋە داۋالاش-كۈتۈش بىرلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت تۈرى ئاساسىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلار ساغلاملىق مۇلازىمىتى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئائىلىدىكى ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنى باھالاش ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ياشانغانلارنىڭ ئۆز ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پۈتۈن شەھەر بويىچە ئائىلىدىكى ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنى مۇلازىمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى %100كە يەتكۈزىدىكەن.

بۇ ھەرىكەتنىڭ مۇلازىمەت ئوبيېكتى تەۋەلىكتىكى ئىلتىماس قىلغان 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكى ئائىلىدىكى ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلار بولىدۇ. مۇلازىمەت ئاساسىي گەۋدىسى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئاساسىي قاتلام داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى، جۈملىدىن مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، يېزا ـ بازارلىق دوختۇرخانىلار بولىدۇ.

ساغلاملىق مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى: ساغلاملىق باھالىشىدىن ئۆتكەن ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلار ۋە ئۇلارنىڭ قارىغۇچىلىرىغا ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم خاس ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىنىدۇ، بۇ كارۋات يارىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەرۋىش يېتەكچىلىكى، يىقىلىپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئائىلىدە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش يېتەكچىلىكى، كۆيۈپ يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش يېتەكچىلىكى، تۇنجۇقۇپ قېلىش، نەپەس يولىدا نەرسە تۇرۇپ قېلىش خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەرۋىش يېتەكچىلىكى، كارىۋاتتىن چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەرۋىش يېتەكچىلىكى، مېڭە سەكتىسى ساغلاملىق يېتەكچىلىكى، يۇتۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ساغلاملىق يېتەكچىلىكى، نەيچىنىڭ ئورنىدىن قوزغىلىپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەرۋىش يېتەكچىلىكى، جاراھەت پەرۋىشى يېتەكچىلىكى، سوزۇلما كېسەل ساغلاملىق پەرۋىشى، دورا ئىشلىتىش، ئىقتىدار مەشىقى، يېمەك - ئىچمەك يېتەكچىلىكى، پىسخىكىلىق مەدەت بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.