تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېڭى يىللىق شىچۈ تىياتىرى كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى ھەم كۆردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 2025 - يىلى يېڭى يىللىق شىچۈ تىياتىرى كېچىلىكى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆرۈپ، يېڭى يىلنىڭ يېتىپ كېلىشىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋالدى.

كېچە مەنزىرىسى ئىچىدە دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، تىياتىرخانا ئىچىدە كەيپىيات قىزغىن ئىدى. سائەت 19دىن 45 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كېچىلىك نەق مەيدانىغا كېلىپ، ئويۇننى كۆرگىلى كەلگەن شىچۈ تىياتىرى ساھەسىدىكى سەنئەتكارلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۆزئارا ئەھۋال سورىدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ناخشا - مۇزىكىنىڭ يېقىملىق كۈيى ئارقىلىق يېڭى يىل كۈتۈۋېلىندى، قەدىمىي كۈيلەر زامانىۋى شەكىل ئارقىلىق قايتىدىن نامايان قىلىنىپ شانلىق سەھىپە مەدھىيەلەندى. چالغۇلار بىلەن ئورۇنلانغان «رەڭگارەڭ گۈللەرگە تولغان باغدا يېڭى باھارنى كۈتۈۋېلىش» ناملىق شادىيانە مۇزىكىغا ئەگىشىپ پۈتۈن كېچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. «جىڭجۈ تىياتىرى ئېقىمى كۆرىكى»دە ئارتىسلار جانلىق، رەڭدار بىرلەشمە ناخشا ئارقىلىق جىڭجۈ تىياتىرى سەنئىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىغانلىقىنى نامايان قىلدى. جىڭجۈ تىياتىرى «چىن شياڭليەن»، كۇنچۈ تىياتىرى «شىشياڭجى»، پىڭجۈ تىياتىرى «ليۇ چياۋئېر»، خۇاڭمېي تىياتىرى «تيەنشيەنپېي» قاتارلىقلاردىن ئورۇنلانغان ئارىيەلەر ئۆزگىچە پۇراققا ئىگە بولۇپ، تاماشىبىنلارنى كىلاسسىك ھېكايىلەردىن مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى سەنئەتنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلىدى. جىڭجۈ تىياتىرى «شاجياباڭ . پەم - پاراسەت جەھەتتىن ئېلىشىش» ۋە «ياڭ ئائىلىسىدىكى ئايال سەركەردە»دىن ئورۇنلانغان ئارىيە قەھرىمان شەخسلەرنىڭ دۆلەت مۇھەببىتىنى جانلىق نامايان قىلدى. جىڭجۈ تىياتىرى «مىنفاڭلېي . قايتا ئايرىلماسلىق»، «تاغ گۈللىرى چىرايلىق ئېچىلدى − مىللەتلەر رايونى شىچۈ تىياتىرلىرىدىن ئارىيە»دە قەدىمكى تىياتىر تۈرلىرى ئارقىلىق زامانىۋى تېمىلار ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، جانلىق دەۋر تۈسى ۋە رەڭدار مىللەتلەر ئۆرپ - ئادىتى ئىپادىلەندى. جىڭجۈ ۋە كۇنچۈ تىياتىرىدىن بالىلار ئورۇنلىغان نومۇرلاردا ھەربىر ھەرىكەت تەرتىپلىك، رەتلىك بولۇپ، شىچۈ تىياتىرى سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىزباسارلارنىڭ بارلىقىدەك خۇشاللىنارلىق مەنزىرە نامايان قىلىندى. كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق تىياتىر ناخشىسى «چۇنچيۇنىڭ ئەكس ساداسى» كېچىلىكنىڭ كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى، كېچىلىكتە كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا ئاتلىنىشتەك بۇرچى، ئىستىكى كۈيلەندى. سەنئەتكارلارنىڭ كامالەتكە يەتكەن نومۇرلىرى پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى.

پۈتۈن كېچىلىكتە ئوخشاش بولمىغان تىياتىر تۈرلىرى رەڭدار قىياپەتتە نامايان بولدى، كىلاسسىك تىياتىر نومۇرلىرى ۋە يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان نادىر ئەسەرلەرنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا شىچۈ تىياتىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان گۈللىنىش مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ، بىر مەقسەتتە ئارزۇغا ئىنتىلىشتەك جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش زەپەر مارشىنى ياڭراتتى.

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى ئويۇننى كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.