كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى
تارقىتىلدىمۇ؟
يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلىدا
باج ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قانداق تاللاش كېرەك؟
بىللە كۆرۈپ باقايلى ↓↓
يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى دېگەن نېمە؟
يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى دېگىنىمىز، مەمۇرىي ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق ھەق تۇتۇش-ھەق تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىلەرنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ياللانما خادىملارنىڭ پۈتۈن يىللىق خىزمەت نەتىجىسىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ياللانما خادىملارغا تارقىتىدىغان بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلىنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى يىل ئاخىرىدا مائاش قوشىدىغان، يىللىق مائاش تۈزۈمى ۋە ئۈنۈم مائاشى چارىسىنى يولغا قويغان ئورۇنلار باھالاش ئەھۋالىغا ئاساسەن نەقلەشتۈرىدىغان يىللىق مائاش ۋە ئۈنۈم مائاشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
باج ھېسابلاش ئۇسۇلى
ئاھالىلەر ئۆزى ئېرىشكەن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلىنى شۇ يىلدىكى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتكە قوشۇپ باج تاپشۇرۇشقا بولىدۇ، شۇ يىلدىكى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتكە قوشۇۋەتمەي، ئايرىم ھېسابلىتىپ باج تاپشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.
1. شۇ يىلدىكى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتكە قوشۇپ باج تاپشۇرۇش
ھېسابلاش فورمۇلىسى:
ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتتىن باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سومما = [ئومۇمىي ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت (يىللىق قېتىملىق مۇكاپات پۇلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)- ئومۇمىي چىقىرىۋېتىلگەن ھەق- ئومۇمىي چىقىرىۋېتىلگەن مەخسۇس تۈر -ئومۇمىي چىقىرىۋېتىلگەن مەخسۇس قوشۇمچە تۈر-قانۇن بويىچە جەزملەشتۈرۈپ چىقىرىۋېتىلگەن ئومۇمىي باشقا تۈرلەر-باجدىن بۇرۇن چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنغان ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىئانىسى]×تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتى-تېز ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان سان.
2. شۇ يىلدىكى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتكە قوشۇۋەتمەي، ئايرىم ھېسابلاپ باج تاپشۇرۇش
يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى كىرىمىنى 12 ئايغا بۆلۈپ ئېرىشىلگەن سومما ئارقىلىق، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ۋە «مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسىنىڭ شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئېتىبار سىياسەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشقا ئائىت مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»(مالىيە-باج (2018) 164-نومۇرلۇق)دا قوشۇمچە قىلىنغان ئاي بويىچە ئالماشتۇرۇپ ھېسابلىغاندىن كېيىنكى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت بېجى نىسبىتى جەدۋىلىگە ئاساسەن، تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتى ۋە تېز ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان سان بېكىتىلىدۇ.
ھېسابلاش فورمۇلىسى:
تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى = يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى × تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتى-تېز ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان سان.
ئاي بويىچە ئالماشتۇرۇپ ھېسابلىغاندىن كېيىنكى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت بېجى نىسبىتى جەدۋىلى
سەمىمىي ئەسكەرتىش: بىر باج تاپشۇرۇش يىلىدا، ھەربىر باج تاپشۇرغۇچى «يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى بېجىنى ئايرىم ھېسابلاش سىياسىتى»نى پەقەت بىر قېتىملا ئىشلىتەلەيدۇ.
ئىجرا قىلىش مۇددىتى
2027-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىلىدۇ.
سىياسەت ئاساسى
«مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسىنىڭ يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»(مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى 2023-يىل 30-نومۇرلۇق)
«دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ شەخسلەر ئېرىشكەن يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى قاتارلىقلاردىن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ھېسابلاپ ئېلىش ئۇسۇلىنى تەڭشەشكە ئائىت مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (د ب ت 〔2005〕 9-نومۇرلۇق)
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى