12-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇز چەينەك ئېتىشنى مەشىق قىلماقتا. بۇ مەكتەپ تەنتەربىيە دەرسىدە مۇز تېيىلىش، چاقتا تېيىلىش، نۇر ئويناش، مۇز چەينەك ئېتىش قاتارلىق دەرسلەرنى كۆپەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى قار-مۇز تەنھەرىكىتى جەريانىدا قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، بەدەن ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
12-ئاينىڭ 21-كۈنى، چارۋىچىلار ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا. شۇ كۈنى، ئاراتۆرۈك ناھىيەسى نىرىنكىر قازاق يېزىسىدا «ئاراتۆرۈكتە ئۆرپ-ئادەتتىن ھۇزۇرلىنىپ، قار-مۇزغا تولغان نىرىنكىردا بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش» تېمىسىدىكى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلدى.
پولات نىياز فوتوسى
12-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي بازىرى ئاقبوز كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىنى ھېس قىلماقتا. قىش كىرگەندىن كېيىن، بۇ كەنت ئېتىزلىقنى مۇز مەيدانى قىلىپ ياساپ، شۇ جايدىكى ئاممىنى يېپيېڭى قىشلىق كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى بىلەن تەمىنلىدى.
ۋەلى قېيۇم فوتوسى
12-ئاينىڭ 20-كۈنى، بورتالا شەھىرىنىڭ 2024-يىللىق «ئىللىق قاردا ئۆتكۈزۈلگەن نادام بايرىمى . قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدە شادلىققا تولغان بورتالا» تېمىسىدىكى قار-مۇز مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى بورتالا بەيگە مەيدانىدا باشلاندى، ئات بەيگىسى، چېلىشىش، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق ئېسىل ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئاھالىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
شاتتىق قايرات فوتوسى
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامما ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا. شۇ كۈنى، «ئۇچرىشىش . قىشتىكى مارالبېشى» قار-مۇز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ خۇڭخەي چىشىڭشۆ قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، قار ئۈستىدە ۋالىبول ئويناش، پۇتبول ئويناش، ئارقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش قاتارلىق تۈرلەر نۇرغۇن ئاممىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.
چېن مىن فوتوسى
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، 2024-يىللىق ئۈرۈمچى يېرىم مۇساپىلىك مارافون مۇسابىقىسى شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە باشلاندى، 6000 يۈگۈرۈش ماھىرى تىيانشان ئېتىكىدە جەم بولۇپ، قار-مۇز مۇسابىقە يولىدا ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ، ئۆزىگە تەۋە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى
12-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئوتتۇرا ئاسىيا گەنچۈەن گۈل دېڭىزى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لاگېرىدا ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرلىرى قار يولىدا سۈرئەتنى تېزلىتىپ، بۇرۇلۇپ مېڭىپ، ئۇچقاندەك ھالقىپ ئۆتۈپ، قار ئۈستىدە بىر مەيدان «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات»نى نامايان قىلدى.
نائىمقان ئايتقالى فوتوسى
سەرخىل سىن-سۈرەتلەر كۆرۈش سەزگۈسىدىكى شىنجاڭدا
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
سوغۇق شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن قار ئۇچقۇنلىرى بىپايان تۇپراقنى قاپلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا قار قىزغىنلىقى ئەۋج ئېلىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىغان قايناق سەھنىگە ئايلىنىپ، چەكسىز ھاياتىي كۈچكە تولغان قەھرىتان قىشنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.
شەھەردىن يېزىلارغىچە، ئېگىز تاغلاردىن قارلىق دالىلارغىچە، قار تېيىلىش مەيدانى، مۇز تېيىلىش مەيدانلىرىدا ساغلام بەدەن قىياپىتى قار-مۇز ئارىسىدا ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. قار-مۇز دۇنياسىدىكى «ئۇسسۇلچى»لار قايناق ھېسسىيات ۋە ھاياتىي كۈچ بىلەن قەھرىتان سوغۇقتا كىشىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ، قار-مۇزلارغا كۈلۈپ باقىدۇ. قار تېيىلىغاندىكى چىرايلىق ئىزلار قار-مۇز دۇنياسىدا «ئۇچۇپ تۇرغان» نوتىلار بولۇپ، كىشىلەر قار-مۇزدىن قورقماي، قاتتىق سوغۇققا جەڭ ئېلان قىلىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى گۈللىرىنى مۇز تاغ، قارلىق دالىدا ئېچىلدۇرماقتا.
بىپايان شىنجاڭ، چەكسىز قارلىق دالا، مارافون يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ يۈگۈرۈش قەدىمى قار-مۇز بىلەن قاپلانغان جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تاشلىدى، تۈرلۈك خەلق ئۆرپ-ئادىتى پائالىيەتلىرى قار-مۇز دۇنياسىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى. قاردىكى ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، قىز قۇۋار... ئارغىماقلارنىڭ چېپىشى، قار-مۇزلارنىڭ چاچرىشى كۈچ بىلەن ماھارەتنىڭ سوقۇلۇشىدۇر، قايناق ھېسسىيات بىلەن جاسارەتنىڭ گىرەلىشىشىدۇر.
قىش پەسلىدە شىنجاڭدا قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئەۋج ئالماقتا. قار-مۇز بىلەن قاپلانغان دالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىش، ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بار، قار-مۇز تەنھەرىكىتى جۇشقۇن ۋەزىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولماقتا.