يىل ئاخىرىدا
نۇرغۇن كىشى
جۇغلانما نومۇرىڭىز نۆللىشىپ كېتىدۇ، نومۇرىڭىزنى تاۋارغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ
سودا شەھەرچىسىگە ئۇلىۋېلىڭ، دېگەندەك
ئەسكەرتمە قىسقا ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋېلىشى مۇمكىن
چوقۇم ھۇشيار بولۇڭ
قىسقا ئۇچۇردا قىلتاق بولۇشى مۇمكىن
ئېھتىيات قىلىڭ، نۆللەشتۈرۈلىدىغىنى جۇغلانما نومۇر ئەمەس
بەلكى سىزنىڭ ھەميىنىڭىز!
«جۇغلانما نومۇر قىسقا ئۇچۇرى» ئارقىسىدىكى ئالدامچىلىق
يېقىندا، جېڭجوۋ شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق جاۋ ئەپەندى بىر قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان، ئۇنىڭدا 35 مىڭ 680 جۇغلانما نومۇرىنىڭ پات ئارىدا ۋاقتى توشۇدىغانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى.
ئۇ بۇنى مەلۇم خەۋەرلىشىش شىركىتى ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇر دەپ خاتا بىلىۋېلىپ، قىسقا ئۇچۇردىكى ئۇلانمىنى ئېچىپ، بۇ «جۇغلانما نومۇر سودا شەھەرچىسى»دىكى تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ بازار باھاسىدىن خېلىلا تۆۋەنلىكىنى ھەمدە جۇغلانما نومۇر بىلەن نۇرغۇن خىراجەتنى توغرىلاپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
سۈرەت مەنبەسى: خېنەن ئۆلكىلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى
بۇنىڭغا قىزىققان جاۋ ئەپەندى جۇغلانما نومۇرغا نەچچە يۈز يۈەن پۇلنى قوشۇپلا تور بەتتىن تاۋار سېتىۋالغان. ئارقىدىن تاۋار سۇپىسىدىن تېلېفون كېلىپ مال سېتىۋالغۇچىلار بەك كۆپ بولغاچقا، ئۆچرەت بويىچە ئارقا-ئارقىدىن مال تارقىتىشقا توغرا كەلگەنلىكىنى، ئەگەر مال سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ 5000 يۈەنگە يەتسە، مۇددەتتىن بۇرۇن مال تارقىتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇنىڭغا ئىشىنىپ قالغان جاۋ ئەپەندى خېرىدارلار مۇلازىمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن 5000 يۈەنلىك مال سېتىۋالغان، لېكىن ئىشتىن كېيىن پۇلنى قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولغاندا، سۇپىدا پۇل قايتۇرۇش ئېغىزىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىغان، جاۋ ئەپەندى شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغان.
ئالدامچىلىق يولى ئۈستىدە تەھلىل
بىرىنچى قەدەم
ئالدامچىلار خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ «ھۆكۈمەت سۇپىسى» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئىستېمالچىلارغا «جۇغلانما نومۇرنى نۆللەشتۈرۈلۈش» توغرىسىدا ساختا قىسقا ئۇچۇر ياكى پوچتا يوللانمىسى يوللاپ، ۋاقىت قىس بولغان ساختا كۆرۈنۈش پەيدا قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى ئۇلانمىنى چېكىپ، تاۋار ئالماشتۇرۇۋېلىشقا ئۈندەيدۇ.
ئىككىنچى قەدەم
ئالدامچىلار ساختا ئۇقتۇرۇشقا قارىماققا مۇنتىزىم كۆرۈنىدىغان ئالدامچىلىق قىلىدىغان تور بېكەت ئۇلانمىسىنى كىرگۈزىدۇ، ئىستېمالچىلار چېكىپ كىرگەن ھامان، بانكا كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇر، دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاتالمىش «جۇغلانما نومۇرنى ئالماشتۇرۇش» تاماملىنىدۇ.
ئۈچىنچى قەدەم
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ زاكاز چۈشۈرۈشى ئۇتۇقلۇق بولغاندىن كېيىن، ئالدامچىلار يەنە «ساختا خېرىدارلار مۇلازىمىتى» ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا مال سېتىۋېلىش سوممىسى بەلگىلىك سوممىغا توشقاندا «ئالدىن مال تارقىتىش»تىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نومۇرغا ئالماشتۇرۇپ سېتىۋالغان تاۋار ئەسلا ئەۋەتىلمەيدۇ ھەم پۇلنى قايتۇرۇۋالغىلىمۇ بولمايدۇ، بۇ چاغدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھېسابات مەبلىغى ۋە شەخسىي بانكا ھېسابات ئۇچۇرى ئوغرىلانغان بولۇشى مۇمكىن.
ساقچى تەرەپ ئەسكەرتمىسى
مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئۇلانمىنى چەكمەسلىك كېرەك. بۇ ئۇلانمىلار بەلكىم ئالدامچىلىق قىلىدىغان تور بېكەت بولۇشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ مەقسىتى سىزنى شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى تەمىنلەشكە ياكى يامان نىيەتلىك يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈشكە قىزىقتۇرۇش.
ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى بېكىتىش. «جۇغلانما نومۇر نەقلەشتۈرۈش» تۈرىدىكى قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ھۆكۈمەت تەرەپ APPسى ئارقىلىق جۇغلانما نومۇر ئەھۋالىنى جەزملەشتۈرۈش ياكى ھۆكۈمەت تەرەپ مۇلازىمەت تېلېفونى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
جۇغلانما نومۇر ئۈچۈن قارىغۇلارچە ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. ئىستېمالچىلار باھا پەرقىنى تولۇقلاش، نەق پۇلغا بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تاۋار ياكى مۇلازىمەت سېتىۋالىدىغان جۇغلانما نومۇر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە يولۇققاندا، ئىستېمال قىلىشتا ئېھتىياتچان بولۇشى، تاۋار ئۇچۇرى ۋە ئەمەلىي قىممىتىنى سېلىشتۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.
مەنبە: دۆلەت جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش رادىيوسى، خەلق تورى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇنچىللىق گېزىتى
شىنجاڭ گېزىتى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى