تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بۇ خىل كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەردە تۇز مىقدارى ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ كۆپ

   بۈگۈنكى كۈندە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قەنت مىقدارىنى كونتىرول قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشى تۇز مىقدارى يۇقىرى يېمەك ـ ئىچمەكنىڭمۇ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىغا سەل قارايدۇ، ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى»دە تۇز مىقدارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش يەنىمۇ تەكىتلىنىپ، ھەر كۈنى تۇز يېيىشنى بەش گىرام ئىچىدە كونترول قىلىش تەۋسىيە قىلىندى − جۇڭگولۇقلارنىڭ ئوتتۇرىچە تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارى 10.5 گىرامغا يېتىدۇ.

   تۇزى ئاز يېمەكلىكلەرنى يىيەلەيدىغانلار ئىنتايىن ئاز، بۇنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى، يوشۇرۇن ناترىيغا ئاسانلا سەل قاراش، يېگەندە تۇزسىز بولغان بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئەمەلىيەتتە تۇز مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. مەسىلەن كەسمە چۆپ دېگەندەك.

 يۇقىرى ناتىرىيلىق يېمەكلىكلەردىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك 

   كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ناترىينىڭ ئەڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى تۇز، لېكىن تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى يېگەندە تۇزلۇق بولمىغان تەقدىردىمۇ، تەركىبىدە ناترىي يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن :

   ۋېيجىڭ، جىجڭ، جياڭيۇ، دۇفۇ سۈتى قاتارلىق تېتىتقۇلار ۋە قارىئۆرۈك قېقى، ياڭيۇ ياپراقچىسى، كەسمە بولكا، كەسمە چۆپ، تەنھەرىكەت ئىچىملىكى قاتارلىق پىششىقلانغان يېمەكلىكلەر.

 تۇزنى كونترول قىلىشتىكى بۇ كىچىك ماھارەتلەرنى بىلىۋېلىڭ 

   ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش قوللانمىسى»دا ھەر كۈنى يەيدىغان تۇزنى بەش گىرام ئىچىدە كونتىرول قىلىش تەۋسىيە قىلىندى. دورا-دەرمەكلەرنى تېخىمۇ توغرا ئۆلچەش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىرقانچە كىچىك ئەسۋاب سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

   تۇز كونترول قىلىش قوشۇقى

   تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قوشۇققا ئىككى گىرام تۇز پاتىدۇ، قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەر ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ قوشۇق تۇز ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئەگەر يېمەكلىك ماتېرىياللىرىدا تۇز ياكى جياڭيۇ، ۋېيجىڭ، جىجىڭ ئارقىلىق تەم تەڭشىگەن بولسا، يەنە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئازايتىش كېرەك.


   تۇزنى كونتىرول قىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق قوشۇق

   كۆپ ئۇچرايدىغان دورا-دەرمەكلەر تۇزدىن باشقا، يەنە جياڭيۇ ۋە جىجىڭمۇ بار،  تۇزنى كونتىرول قىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق قوشۇق تۇزنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپلا قالماي، يەنە جياڭيۇنىڭ سىغىمىنىمۇ ئۆلچىيەلەيدۇ. مەسىلەن، بىر خىل قورۇمىغا 2 گىرام تۇز، 15 مىللىلىتىر جياڭيۇ، 2 گىرام جىجىڭ سېلىنغان بولسا، خۇرۇچلار جەدۋىلىگە ئاساسەن بۇ قورۇمىدىكى ناترىينى 6 گرام تۇزغا باراۋەر دەپ ھېسابلاپ چىقىشقا بولىدۇ.

   تۇز مىقدارىنى بېكىتىش قۇتىسى

   تۇز مىقدارىنى بېكىتىش قۇتىسىدىن ئىبارەت بۇ خىل قۇتىنىڭ پايدىسى ساقلاش بىلەن كونترول قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش بولۇپ، بەلگىلەنگەن مىقداردا تۇز چىقارغىلى بولىدۇ، مەسىلەن، بىر قېتىمدا 0.5 گىرام تۇز چىقىرىش.

  تۇزنى چەكلەش سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىزنى تارتىۋالامدۇ؟ 

   جۇڭگولۇقلارنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارى 10.5 گىرامغا يېتىدۇ، بىراقلا تەۋسىيە قىلىنغان بەش گىرامدىن تۆۋەنلەپ كەتسە، ھەممە نەرسىنىڭ مەززىلىك تېتىمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۆۋەن تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى 6~4 ھەپتە يېگەندىن كېيىن، ئادەم يېڭى تۇزلۇق دەرىجىسىگە ماسلىشالايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى تەم سەزگۈسىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ئىكەن. دېمەك، ئادەمنىڭ تۇزلۇق تەمگە بولغان ئېھتىياجىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. پەقەت مايسىز تەمنى بىر ئاي داۋاملاشتۇرسىڭىزلا، يېڭى تەمگە كۆنەلەيسىز، تۇزغا چەك قويۇش سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىزنى تارتىۋالالمايدۇ.

  «مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.