گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 12-ئاينىڭ 27-كۈنى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە خەۋەر قىلىدۇ) ھەيۋەتلىك تىيانشان تۆمۈر چوققىسى بۇلۇتلار ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، تاغ تىزمىلىرى كۈمۈش لىباس بىلەن قاپلانغان بولۇپ، چارۋىچىلىق مەيدانى بىلەن ئائىلىۋى مىھمانخانىلار بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇرىدۇ... قىش پەسلىدىكى تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى خۇددى بىر پارچە تاغ-دەريا رەسىمىگە ئوخشايدۇ. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 19 ساياھەت مەنزىرە رايونىنى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، شىنجاڭدىكى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ 18-چىسى بولۇپ قالدى.
بۇ مەنزىرە رايونى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ قىرغىز يېزىسى بىلەن كۆكيار بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 752 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مەنزىرە رايونى دۇنيا تەبىئىي مىراس يېرى، دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى، دۆلەت داڭلىق مەنزىرە رايونى قاتارلىق ناملارغا ئىگە. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، مەنزىرە رايونى جەمئىي 1 مىليون 560 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 70 مىليون 230 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساياھەت كىرىمى ياراتتى.
«5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالىنىش بىزگە نىسبەتەن ئىلھام بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى بىر باشلىنىش نۇقتىسىدۇر. بىز مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، بايلىقنى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، مەنزىرە رايونى مۇلازىمىتىنى ئۆستۈرۈپ، <سىرتقا چىقىش> <تەكلىپ قىلىش> قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق مەنزىرە رايونىنى تەشۋىق قىلىمىز» دېدى ئونسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ شياۋفېڭ.
تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى . چوڭ جىلغىسى بۆلەك رايونىنىڭ مەسئۇلى ليۇ يى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىدى. «2019-يىلى بەرپا قىلىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئىزچىل تۈردە دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ئۆلچىمىدىكى تەلەپ بويىچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بىز ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ساياھەت يېڭى پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ خىل سۇپا ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىمىز» دېدى ليۇ يى.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى دۇەن يۈمىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلىكنىڭ ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسى، بۇ قېتىم تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونىنىڭ دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلىنىشى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى، بۇ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تېز يولىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
«بۇنىڭدىن كېيىن، بىز شىنجاڭنىڭ كوئېنلۇن تېغى، لوپنۇرلۇقلار كەنتى، ئىلى كوناشەھەر رايونى، قۇمتاغ قۇملۇقى، قىزىل مىڭ ئۆي، قومۇل داخەيداۋ قاتارلىقلارنى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدا سەپەر ئۇزۇن، ساياھەت قىسقا بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسىپلىرى توپى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىمىز» دېدى دۈەن يۈمىڭ.
ھازىر، شىنجاڭدا (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دۆلەت A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن 773ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى 18 بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ، شىنجاڭدىكى A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئومۇمىي سانى مەملىكەت بويىچە 4-ئورۇندا تۇرىدۇ.