مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، يېقىندا، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى.
بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشتە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، يۈك ئاپتوموبىللىرى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش يېشى ۋە ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىش يېشىنى ئۇزارتىش نۇقتىلىق تەڭشىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئەتى پائال كاپالەتلەندۈرۈلدى. ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى» 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
بىرىنچى، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش يېشى ۋە ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىش يېشىنىڭ يۇقىرى چېكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە تەڭشىلىدۇ. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش يېشىنىڭ يۇقىرى چېكى 60 ياشتىن 63 ياشقا ئۇزارتىلدى، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىش يېشىنىڭ يۇقىرى چېكى 60 ياشتىن 63 ياشقا ئۇزارتىلدى.
ئىككىنچى، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىش بەلگىلىمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يېشى 63 ياشتىن ئاشقان، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، يۈك ئاپتوموبىللىرىنى داۋاملىق ھەيدەشكە توغرا كېلىدىغان شوپۇرلار سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە لاياقەتلىك بولغان ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىق ئىقتىدار سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا ئەسلىدىكى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپىنى ھەيدەش سالاھىيىتىنى ئۇزارتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئۇزارتىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى - كونا بەلگىلىمىنى ئوڭۇشلۇق جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى جايلاردىكى گۇڭئەن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ياش سەۋەبى تۈپەيلىدىن ھەيدەش كىنىشكىسى بىكار قىلىنغانلارنىڭ ھەيدەش سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش ھوقۇق - مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.