يادرولۇق ئەسكەرتمە: 2025-يىلى، شىنجاڭ يېڭىدىن بىيوساغلاملىق نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى ۋە سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بايلىقىنى تۈجۈپىلەش ۋە ئايلاندۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىدۇ.
شىنجاڭ تورى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شۈەن خەۋەر قىلىدۇ) 2025-يىلى، شىنجاڭ يېڭىدىن بىيوساغلاملىق نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى ۋە سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بايلىقىنى تۈجۈپىلەش ۋە ئايلاندۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىدۇ.
12-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇخبىرنىڭ 15-نۆۋەتلىك تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىساد ۋە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش مۇھاكىمە يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىلى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش قوش كاربون ئاقىللار ئامبىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى، بىڭتۇەن ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئىلمىي تەتقىقات ئورنى قاتارلىقلار باش بولۇپ، تۇڭجى داشۆ، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، قەشقەر داشۆ، جۇڭخۈەن ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسى لايىھەلەش تەتقىقات ئورنى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئەمەلىي ئىقتىساد گەۋدىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭ كەسىپلەر تەرەققىياتى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش كومىتېتى ۋە جۇڭخۈەن ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسى لايىھەلەش تەتقىقات ئورنى چەكلىك شىركىتى بىيوساغلاملىق تەتقىقات ئورنى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، بىيوساغلاملىق نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى ۋە سانائەت كېرەكسىز نەرسىلىرى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قۇرىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى، تەتقىقاتچى جوۋ بىن مۇنداق تونۇشتۇردى: تەشكىللەپ قۇرۇلغان بىر تۈركۈم يېڭى تىپتىكى تەتقىقات ئاپپاراتلىرى كاربون سودا مېخانىزمى، بىيو يېزا ئىگىلىكى، كېرەكسىز نەرسىلەر كەسپى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، تېخنىكىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئايلاندۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، ئالاقىدار كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ بۆسۈش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىپ، نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلارنى ۋاسىتە قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى ئەزالار مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق، كوللېكتىپ ئەزا ئورۇنلار ئۈچۈن 17 تۈرلۈك دۆلەت پاتېنتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك لايىھەلەپ ئىلتىماس قىلغان؛ «شىنجاڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش قوش كاربون ئاقىللار ئامبىرى» تەسىس قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئۈچۈن «رايون مۇھىتىنى قوغداش پەن-تېخنىكا كەسپى، ئېنېرگىيە تېجەش مەخسۇس پىلانى، ئاقىل شەھەر» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرۇلۇشلارنى تاماملىغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى \ شىنجاڭ تورىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى