تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن كېسەل كۆرۈش شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بۇ داۋالاش ئەترىتى يارايدۇ

12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، كېرىيە ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سېستراسى ئاغرىقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىگە ھەمراھ بولماقتا.

12-ئاينىڭ 13-كۈنى، تيەنجىندىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسى ياتاق تەكشۈرمەكتە.

12-ئاينىڭ 13-كۈنى، تيەنجىندىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسى (سولدىن 1-كىشى) كېرىيە ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەھلىل قىلماقتا.

   □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى

   كېرىيە ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىناسى 2024-يىلى 11-ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ تۈر تيەنجىننىڭ 2024-يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلەغ مەدىتى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىناسىغا جۇڭيى تېبابىتى بويىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى، تۇغۇت بۆلۈمى، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، ئوپېراتسىيە ئۆيى قاتارلىق كۆپ خىل فۇنكسىيەلىك بۆلۈملەر توپلانغان. ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ داۋالىنىش مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

   2011-يىلىدىن باشلاپ، تيەنجىن داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىدىن جەمئىي 45 كىشىنى ئەۋەتتى، 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن كېسەل كۆردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە، نەزەرىيە ئوقۇتۇشىنى 1000 ئوقۇش سائىتىدىن ئارتۇق قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىدى؛ ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش 1000 قېتىمغا يېقىن بولۇپ، ئەمەلىي مەشغۇلات بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق شۇ جايدىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئوپېراتسىيە ماھارىتى ئۆستۈرۈلدى. بۇنىڭدىن سىرت، تيەنجىننىڭ داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچلىرى يەنە كېرىيە ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمى، يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، تۇغۇت بۆلۈمى، سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قاتارلىق نۇقتىلىق بۆلۈم-ئىشخانىلارنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، شۇ جاينىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈردى.

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.