12-ئاينىڭ 24-كۈنى
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز مياۋخۇي پائالىيىتى
تۈر تەشكىلىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە
ئۈرۈمچى مەدەنىيەت باغچىسىدىكى قار-مۇز مياۋخۇي پائالىيىتى
12-ئاينىڭ 31-كۈنى باغچە ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مۆلچەرلەنگەن
نۆۋەتتە
قار ئويما ۋە مۇز ئويما ياساش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ
ئىككى گۇرۇپپا چوڭ تىپتىكى قار ئويمىلار تاماملانغان
قالغان قار ئويمىلار جىددىي ياسىلىۋېتىپتۇ
12-ئاينىڭ 23-كۈنى، قۇرۇلۇش خادىملىرى ئۇزۇنلۇقى 36 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر كېلىدىغان يىپەك يولى ئۆرپ-ئادەتلىرى قار ئويما شەھەر دەرۋازىسىنى ياسىماقتا. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مىرزات مۇتەللىپ فوتوسى
شىمالىي دەرۋازىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، قار ئويما ئىشچىلىرى يىپەك يولى ئۆرپ-ئادەتلىرى قار ئويما شەھەر دەرۋازىسى ئۈستىدە ئويمىچىلىق قىلىۋاتقانىدى. بۇ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 36 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر. شەھەر دەرۋازىسىنىڭ لەمپىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. بۇنىڭدىن باشقا، جەنۇبىي دەرۋازا ئالدىدىكى بېلەت تەكشۈرۈش ئۆيى پۈتۈپ، خىزمەتچىلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بېلەت تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئورناتماقتا. مۆلچەرلىنىشىچە، شىمالىي دەرۋازا، جەنۇبىي دەرۋازا ئىككى جايدىكى بېلەت تەكشۈرۈش ئۆيى 25 بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزى بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەتچىلەرنىڭ باغچىغا تېز كىرىشىگە قولايلىق يارىتىدىكەن.
12-ئاينىڭ 23-كۈنى، قۇرۇلۇش خادىملىرى پىيادىلەر ماڭىدىغان كارىدورىغا پانۇس ئاسماقتا. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مىرزات مۇتەللىپ فوتوسى
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
مۇخبىر: ۋاڭ لېي
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى