ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئىشتا يارىلانغان ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلالامدۇ؟
ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ھەم ھەق تاپشۇرغىنىغا بىر يىل توشقان، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىن باشقا سەۋەب تۈپەيلىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئۈزۈپ قويغان ۋە ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان ھەم خىزمەت ئىزدەش تەلىپى شەرتى بار ئىشسىز خادىملار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىشتا يارىلانغان ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىن باشقا سەۋەب تۈپەيلىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئۈزۈپ قويۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.