ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ) قىش ۋە ئەتىيازدا نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ. بالا يۆتەلسىلا، ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى دەكە-دۈكە بولۇشقا باشلايدۇ. يۆتەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ياكى داۋالاش مەزگىلىدە، قانداق قىلغاندا تاماق ئارقىلىق بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تېخىمۇ ياخشى ياردەم بەرگىلى بولىدۇ؟ 12-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 4-دوختۇرخانا (ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى) بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى لەننى زىيارەت قىلدى.
مەيلى تاشقى ئامىلدىن كېلىپ چىققان تاشقى تەسىردىن بولغان يۆتەل بولسۇن ياكى ئىچكى ئەزالار ئىقتىدارىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان ئىچكى زەخىمدىن بولغان يۆتەل بولسۇن، ھەممىسىنى پەرقلەندۈرۈپ داۋالاشتا، تۆۋەندىكى دورىلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ئەگەر بالا سوغۇقتىن يۆتىلىپ قالسا، سوغۇقتىن قورقۇش، تەرلىمەسلىك، ماڭقىسى ئېقىش، ئاق بەلغەم تۈكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يۆتەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە زەنجىۋىل، سۇڭپىياز غولى، قارا شېكەر سۈيىنى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. زەنجىۋىل، سۇڭپىياز غولىنى بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە قاينىتىپ، قارا شېكەر سېلىپ ئىچكەندە، تەرلىتىپ، ئۆپكىنى راۋانلاشتۇرۇپ، سوغۇقنى ھەيدەپ يۆتەلنى توختىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ قان تولۇقلاش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە بولۇپ، زۇكامنى ساقايتىش، قان ۋە قۇۋۋەتنى تەڭشەش، ئېنېرگىيە تولۇقلاش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ.
بالا ئەگەر ئىسسىقتىن يۆتىلىپ قالسا، كۆپىنچە گېلى ئاغرىپ قىزىيدۇ، بۇرنىدىن سېرىق ماڭقا ئاقىدۇ، سېرىق بەلغەم تۈكۈرىدۇ. يۆتەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۈجمە يوپۇرمىقى، ناۋات، جۇخار گۈلىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچسە بولىدۇ. ئۈجمە يوپۇرمىقى، جۇخار گۈلىگە ناۋات قوشۇپ قاينىتىپ ئىچكەندە، يەلنى ھەيدەپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، بەلغەمنى بوشىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە؛ يۆتەلنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، بەلغەم بەك كۆپ بولسا، ئاق لوبونى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ، تەخمىنەن بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە چىلاپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئىلمان سۇغا سېلىپ ياكى بىۋاسىتە ئىستېمال قىلسا، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، يۆتەلنى توختىتىپ، بەلغەمنى بوشىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ سوغۇقتىن ياكى ئىسسىقتىن يۆتىلىۋاتقانلىقىنى پەرق ئېتەلمىسە، بالىغا «سەنپىيىن» ئىچكۈزۈپ، تۇز بىلەن ئاق لوبو، نەشپۈت، جىنجۈنى پاكىز يۇيۇپ، ئاق لوبو پوستى، نەشپۈت پوستى ۋە پۈتۈن جىنجۈنى بىللە سېلىپ، 10 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچكۈزسە بولىدۇ. «جۇڭيى تېبابىتىدە تال بەلغەمنى پەيدا قىلىدىغان مەنبە، ئۆپكە بەلغەمنى ساقلايدىغان ئەسۋاب، <سەنپىيىن> تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئىسسىقتىن ياكى سوغۇقتىن بولغان بەلغەمنى بوشىتىش، ئۆپكىنى سىلىقلاپ يۆتەلنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ دەپ قارالغان»، لى لەن مۇنداق دېدى: «كېيىنكى مەزگىلدە يەنە چېنپى، شەنياۋ، يىرېن ئۇمىچى قاينىتىپ ئىچكەندە، تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ.»
يۆتەلگەندە ئاۋازى تۆۋەن، لېكىن يۆتىلىش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، دائىم ياخشى بولالمايۋاتقان بالىلار ئادەتتە ماغدۇرسىزلىنىپ، مەنپىيلىكى ئاجىزلاپ كەتكەن بولىدۇ، شۇڭا ئاق مور، شەنياۋ شورپىسى بىلەن داۋالاشقا بولىدۇ.
«يۆتەلنى توختىتىش مەزگىلىدىكى تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم، جۇڭيى تېبابىتىدە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ داۋالىغاندا ئۈنۈمى بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك بولىدۇ»، لى لەن مۇنداق دېدى: بالىنىڭ بەدەن سۈپىتىنىڭ ئىسسىق-سوغۇق ئەھۋالىغا ئاساسەن، جۇڭيى دورىسى قايناتما دورىسى ياكى تەييار جۇڭيى دورىسى بىلەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چاپلاق چاپلاش، لوڭقا قويۇش، ئۇۋۇلاش قاتارلىق جۇڭيى تېبابىتىدىكى سىرتتىن داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ماسلاشتۇرغاندا، يۆتەلنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلىرىدا مۇناسىپ رول ئوينايدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى