تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن كەسىپ يىللىق پۇلىنى بىرقېتىمدىلا ئېلىشقا بولامدۇ؟

كەسىپ يىللىق پۇلى

ئورگان، كەسپىي ئورۇن ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرى

ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ئاساسىدا

ئورنىتىلغان تولۇقلىما ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ

  قانداق ھەق تاپشۇرىدۇ؟

  كەسىپ يىللىق پۇلىغا كېتىدىغان خىراجەتنى ئورۇن ۋە خىزمەتچى خادىملار ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ.

  ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان كەسىپ يىللىق پۇلى ھەققىنىڭ نىسبىتى شۇ ئورۇن مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %8ى، شەخسلەر تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتى شۇ كىشى مائاشىنىڭ %4ى بولۇپ، ئىدارە ۋاكالىتەن تۇتۇپ قالىدۇ.

ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى بىلەن

ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ

ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى بىردەك بولىدۇ

ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن

دۆلەت ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ كەسىپ يىللىق پۇلى

تاپشۇرۇش نىسبىتىنى مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشەيدۇ

پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن

كەسىپ يىللىق پۇلىنى بىر قېتىمدىلا ئېلىشقا بولامدۇ؟

  ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەر پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، شۇ كىشى ئاي بويىچە كەسىپ يىللىق پۇلى تەمىناتىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى تاللايدۇ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سودا سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا بىر قېتىمدىلا ئىشلەتسە بولىدۇ، شۇ كىشى پېنسىيەگە چىققان چاغدىكى مۇناسىپ ھېسابلاپ تارقىتىش ئاي سانى بويىچە كەسىپ يىللىق پۇلى ئايلىق تەمىنات ئۆلچىمىنى ھېسابلاپ تارقىتىشنى تاللىسا بولىدۇ، تارقىتىپ بولغانغا قەدەر، بىر قېتىمدىلا كەسىپ يىللىق پۇلىنى ئېلىشقا بولمايدۇ.

ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، خىزمەت ئىستاژىغا

كەسىپ يىللىق پۇلى تولۇقلاپ يېزىلامدۇ؟

يېزىلىدۇ

  «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى ۋە كەسىپ يىللىق پۇلىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»تىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار رەسمىي يۆتكىلىش ياكى ئىستېپا بېرىش، خىزمەتتىن بوشىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن ئايرىلغانلار ئىسلاھاتتىن ئىلگىرى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلىگەن ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا ئاساسەن كەسىپ يىللىق پۇلى تولۇقلاپ خاتىرىلىنىدۇ, ئەمەلىي ھېسابات شەكلى ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ كەسىپ يىللىق پۇلى شەخسىي ھېساباتىغا يۆتكەپ بېرىلىدۇ، كېرەكلىك مەبلەغنى ئەسلىي تۇرۇشلۇق ئورۇن ھازىرقى خىراجەت كاپالىتى يولى بويىچە ھەل قىلىدۇ.

خىزمەت ئورنىنى ئۆزگەرتكەندە كەسىپ يىللىق پۇلىنى قانداق قىلىدۇ؟

  خىزمەتچىلەر خىزمەت ئورنىنى ئۆزگەرتكەندە، كەسىپ يىللىق پۇلى شەخسىي ھېساباتىدىكى مەبلەغنى بىللە يۆتكىسە بولىدۇ. خىزمەتچىلەر ئۆرلەپ ئوقۇغان، ھەربىي سەپكە قاتناشقان، ئىشسىز قالغان مەزگىلدە ياكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئورۇنلاردا كەسىپ يىللىق پۇلى ياكى كارخانا يىللىق پۇلى تۈزۈمى يولغا قويۇلمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ كەسىپ يىللىق پۇلى شەخسىي ھېساباتىنى ئەسلىدىكى باشقۇرغۇچى ئاپپارات داۋاملىق باشقۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈپ تۇرىدۇ. يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئورۇن كەسىپ يىللىق پۇلى ياكى كارخانا يىللىق پۇلى تۈزۈمىنى ئورناتقان بولسا، ئەسلىدىكى كەسىپ يىللىق پۇلى شەخسىي ھېساباتىدىكى مەبلەغ بىللە يۆتكىلىدۇ.

  «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.