12-ئاينىڭ 22-كۈنى
2024-يىللىق دۇنيا ساياھەت خانقىزى جۇڭگو يىللىق چېمپىيون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى
جېجياڭ خېڭديەندە ئۆتكۈزۈلدى
شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىن كەلگەن ماھىر
تۇرسۇنئاي راخمان
توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن بېلەت سانى بىلەن
T سەھنىسىدە ئۆزىنى نامايان قىلىش، ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق ھالقىلاردا
مۇنەۋۋەر ئىپادىلەش كۈچى، كەسپىي بولغان ھالەت قائىدە-يوسۇنى قاتارلىقلارغا تايىنىپ
چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى
ھەم جۇڭگوغا ۋاكالىتەن يەر شارىۋى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ
مۇسابىقە كۈنى كەچتە
پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ماھىرلار بىر سەھنىدە مۇسابىقىلەشتى
تۇرسۇنئاي راخمان سەھنىدە
ماھارىتىنى تولۇق نامايان قىلدى
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا
بۇ كەچۈرمىشى بىر مەيدان «ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سەپىرى» بولدى
ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ
ئۇلارغا جۇڭگونىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىمەن»
تۇرسۇنئاي راخمان. سۈرەت مەنبەسى: چۇڭچىڭ خەيليەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى
تۇرسۇنئاي راخمان بۇ يىل 19 ياش، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، چۇڭچىڭ خەيليەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ھاۋا قاتنىشى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، كىچىكىدىن تارتىپلا سەنئەتكە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغان، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ مەكتەپتە قائىدە-يوسۇن ئويۇشمىسىغا قاتنىشىپ، كەسپىي قائىدە-يوسۇن بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. بۇ قېتىم دۇنيا ساياھەت خانقىزى مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق دۇنياغا جۇڭگونىڭ ھېكايىسىنى سۆزلىمەكچى بولدى.
تۇرسۇنئاي راخمان. سۈرەت مەنبەسى: چۇڭچىڭ خەيليەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى
دۇنيا ساياھەت خانقىزى مۇسابىقىسى ئۈچ چوڭ يەر شارىۋى گۈزەل خانقىزلار مۇسابىقىسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، خەلقئارالىق ساياھەت-مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارىۋى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغان. مۇسابىقە ئۆزگىچە خەلقئارا تەسىر كۈچى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت-مەدەنىيىتىنى تارقىتىشقا كەڭ سۇپا ھازىرلاپ بېرىش بىلەن بىللە، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنى ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان سەھنە بىلەن تەمىنلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2024-يىللىق دۇنيا ساياھەت خانقىزى يەر شارىۋى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە گۇاڭدۇڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شۇ چاغدا، ئامېرىكا، فىرانسىيە، بىرازىلىيە قاتارلىق 65 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ماھىرلىرى گۇاڭدۇڭغا جەم بولىدىكەن.
باتۇرلۇق بىلەن ئازۇسىغا ئىنتىلىۋاتقان شىنجاڭلىق قىزنى ئالقىشلايمىز، ئۇنىڭ قالتىس ئىپادىسىگە تەقەززامىز.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى