جاڭ جياشىن
ئامېرىكا ئىللىنوئىس داشۆسى ئېبانا-شامپان شۆبە مەكتىپىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار تەركىبىدە ئىزوفلاۋون(异黄酮) تېخىمۇ كۆپ بولغان دادۇر يېمەكلىكلىرىنى ئىستېمال قىلسا، تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە دىققىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن. تەتقىقات كوللېكتىپى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن 2024 - يىللىق ئامېرىكا ئوزۇقلۇق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا بۇ نەتىجىنى كۆرسەتكەن.
ئىزوفلاۋون(异黄酮) ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەردە تەبىئىي مەۋجۇت بولغان بىرىكمە ماددا، بولۇپمۇ دادۇر ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرىدا مىقدارى كۆپ. دادۇر ئىزوفلاۋونىنىڭ يوشۇرۇن پايدىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، كوللېكتىپ ئىلگىرىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىنى ئەسلەپ ئۆتتى، بۇ تەتقىقات يەتتە ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان 128 بالىغا چېتىلىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ يەتتە كۈنلۈك يېمەك - ئىچمەك خاتىرىسى ئۇچۇرىغا ئاساسەن، كوللېكتىپ ھەر بىر بالىنىڭ ئىزوفلاۋوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرىچە يېمەك - ئىچمەك قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ھېسابلاپ چىقتى. بالىلارنىڭ ئادەتتىكى ئەقلىي سەۋىيەسىنى باھالاش ئۈچۈن، كوللېكتىپ بىر يۈرۈش مەخسۇس قەغەزگە سىناق ئېلىپ بارغان، يەنە بىر تۈرلۈك «يان قانات ۋەزىپىسى» ناملىق كومپيۇتېر سىنىقىدىن پايدىلىنىپ دىققىتىنى باھالىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە بالىلارنىڭ مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى پائالىيىتىنى خاتىرىلەپ، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى ئۆلچىگەن.
تەھلىللەردە كۆرسىتىلىشىچە، دىققىتىنى باھالاشتا، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى تېخىمۇ كۆپ قوبۇل قىلغان بالىلارنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى ۋە بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى تېز بولغان، لېكىن تەتقىقاتتا دادۇردىكى ئىزوفلاۋوننىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بىلەن ئادەتتىكى ئەقلىي قابىلىيەت سەۋىيەسى ئوتتۇرىسىدا روشەن باغلىنىش بارلىقى بايقالمىغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، تەخمىنەن 230 گىرام كېلىدىغان دۇجياڭ تەركىبىدە 28 مىللىگىرام ئىزوفلاۋون(异黄酮) بار ئىكەن. ئىزوفلاۋون(异黄酮)نىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دادۇر ياكى دۇجياڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدىكەن، دۇچى، دۇفۇمۇ تەۋسىيە قىلىنىدىغان يېمەكلىك ئىكەن.