سىن مەزمۇنى:
نۇرغۇن كىشى زەنجىۋىلنى ئىشلەتكەندە بىر نۇقتىغا سەل قارايدۇ، يەنى زەنجىۋىلنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە زەنجىۋىل پوستىمۇ بىر خىل جۇڭيى دورىسى بولۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىشنى ياخشىلاشقا پايدىلىق، ئەمەلىيەتتە بىز ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، بولۇپمۇ زەنجىۋىلنى تەم خۇرۇچ قىلىپ ئىشلەتكەندە، پوستىنى ئېلىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەگەر دورا ئورنىدا ئىشلەتكەندە، ئادەتتە پوستىنى ئېلىۋېتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
بۇ يەردە مەن كۆپچىلىككە بۇرۇن پۈتۈپ قېلىشنى پەسەيتىدىغان بىر كىچىك ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىمەن: پوستى ئېلىۋېتىلمىگەن زەنجىۋىل ياپراقچىسىدىن بەش تال، سۇڭپىياز ئېقىدىن بىر بۆلەك، تەخمىنەن 5 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولسا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بەيجىدىن 3 گىرام قوشىمىز، چۈنكى بەيجىنىڭمۇ بۇرۇن پۈتۈپ قېلىشنى ياخشىلاش رولى بار، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش ئالامىتى كۆرۈنەرلىك بولغاندا، بۇ ئۈچ خىل يېمەكلىك ماتېرىيالىنى بىللە قاينىتىپ ئىچسە بولىدۇ، ئۇزاقراق قايناتسىمۇ بولىدۇ، سۇ قاينىغاندىن كېيىن يەنە 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، ئىسسىقراق پېتى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ بۇرۇن پۈتۈپ قېلىشنى پەسەيتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئەسلىدە، زەنجىۋىل، سۇڭپىياز ئېقى، بەيجىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ خىل يېمەكلىكنى بىرلىكتە قاينىتىپ ئىچسە بۇرۇن پۈتۈپ قېلىشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇۋېتىش، پوستىنى ئېلىۋەتمەسلىك ئەسكەرتىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا دورا ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى