تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلار قۇرۇق يۆتىلىپ توختىمىسا، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى «ئاۋارە» قىلغان بولۇشى مۇمكىن

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر سۇ لۇپىڭ خەۋىرى) يېقىنقى مەزگىلدە، نەپەس يولى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلار بىر قەدەر كۆپ بولماقتا. مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 4-دوختۇرخانا(ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى)دىن ئىگىلىشىچە، بۇ دوختۇرخانا قوبۇل قىلغان نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئىچىدە، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى تەخمىنەن %30-%20نى ئىگىلەيدىكەن، يۇقۇملانغان بالىلار ئىچىدە بەش ياشتىن ئوقۇش يېشىغىچە بولغانلار بىرقەدەر كۆپ ئىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى لەن مۇنداق دېدى: بالىلاردا سىجىل ھالدا غىدىقلىنىش خاراكتېرلىك قۇرۇق يۆتەل كۆرۈلسە، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسىدىن يۇقۇملىنىشتىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

    مىكوپلازما ھۈجەيرە دىۋارى قۇرۇلمىسى بولمىغان كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزم بولۇپ، باكتېرىيەمۇ ئەمەس، ۋىرۇسمۇ ئەمەس. ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامان، ئاغرىق كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان باكتېرىيە ئېلىپ يۈرۈشتىن نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، بادامبەز ياللۇغى، كانايچە ياللۇغى ياكى تەرەققىي قىلىپ ئۆپكە ياللۇغىغا ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرىدۇ، يۇقۇملىنىش دەرىجىسى يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېت ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

    «ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى بىلەن يۇقۇملانغانلىق چوقۇم ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، پەقەت ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى ئۆپكىگە كىرىپ، ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئىپادىسى كۆرۈلگەندىلا، ئاندىن مىكوپلازما ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ». لى لەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئەگەر پەقەت يۇقارقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، جىددىي خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنىڭ ئىپادىسى بولسا، ئۆپكىگە تاجاۋۇز قىلمىسا، بالا قىزىماسلىقى مۇمكىن، پەقەت يۆتەلنى ئاساس قىلىدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە كۆپىنچە قۇرۇق يۆتىلىدۇ، كېچىدە بىر قەدەر قاتتىق بولىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە تەدرىجىي بەلغەم پەيدا بولىدۇ.

    دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسىنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن ئۆپكىدىكى بەدەن بەلگىلىرى بىردەك ئەمەس. بالا يۇقۇملانغاندىن كېيىن، كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ناھايىتى ئېغىر بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، قاتتىق يۆتىلىپ دەم ئېلىشقا تەسىر يېتىدۇ، لېكىن ئۆپكىنى تىڭشاپ تەكشۈرگەندە بەلغەم ئاۋازى، قۇرۇق ھۆل خىرىلدىغان ئاۋاز ئانچە كۆپ بولمايدۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا ئۆپكىنى سۈرەتكە ئېلىپ تەكشۈرگەندە كۆكرەك سۈرىتى ياكى CTدا ئۆپكىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىغا ماس ھالدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ناھايىتى تېزلا يۇقىرى قىزىتما، يۆتەل ئېغىرلىشىش قاتارلىق بىر قاتار كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئۆپكىنى تىڭشاپ تەكشۈرگەندە، يەنىلا بەك كۆپ مۇسبەت بەدەن بەلگىلىرىنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكنى سۈرەتكە ئېلىش ئارقىلىق ياكى CTدىن ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئىپادىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

   «مىكوپلازمىلىق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىن كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى بولىدۇ». لى لەن مۇنداق ئەسكەرتتى: بالىدا داۋاملىق يۇقىرى قىزىتما پەيدا بولىدۇ، قىزىش جەريانى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ياخشى بولمايدۇ؛ يۆتەل بەك ئېغىر، سېرىق بەلغەم ياكى بەلغەم ئىچىدە قان بار؛ سۈمۈرۈش قېتىم سانى تېز ئاشىدۇ، دېمى سىقىلىدۇ، كۆكرەك ئاغرىيدۇ؛ روھىي ھالىتى ياخشى بولماسلىق، چۈشكۈنلىشىش ياكى ئىچى تىتىلداش، ئىشتىھاسىزلىق، ئۇيقۇسىراش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە مىكوپلازمىلىق ئۆپكە ياللۇغىغا تەرەققىي قىلغان بولۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.