تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدىكى بۇ 11 مەنزىرە رايونى «4A» بولۇپ باھالاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياۋ گاڭ خەۋىرى) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مەكىت ناھىيەسى تەكلىماكان°N39 قۇملۇق ساياھەت مەنزىرە رايونى، شايار ناھىيەسى يەنشى سەھرا ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى ساياھەت مەنزىرە رايونى،  يېڭىشەھەر ناھىيەسى جاڭ چيەن يىپەك يولى مەدەنىيەت باغچىسى قاتارلىق 11 مەنزىرە رايونى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ ئۆلچەم تەلىپىگە يېتىپ، يېقىندا دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلدى. 

   بۇنىڭدىن باشقا، پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇم بىلەن داۋالاش مەركىزى، فۇكاڭ شەھىرى ۋۇجياڭ ئارشىڭى، تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى . تاغلاق كەنتى، پوسكام ناھىيەسى ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى، نىلقا ناھىيەسى مىڭكىت ئارشاڭ داۋالىنىش - كۈتۈنۈش مەركىزىدىن ئىبارەت بەش ساغلاملىق-كۈتۈنۈش ساياھەت ئۈلگە بازىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ساغلاملىق-كۈتۈنۈش ساياھەت ئۈلگە بازىسى بولۇپ باھالاندى. 

   ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى شۈنجياڭ تۆت پەسىل ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، غۇلجا شەھىرىدىڭگۇەنگې ئىستىراھەت قورۇقى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شىيۈ ئىستىراھەت قورۇقى، كورلا شېنشى جياڭنەن ئېكولوگىيە ئۆرپ-ئادەت رايونى، قاراقاش ناھىيەسى چىڭلۇۋەن قورۇقىدىن ئىبارەت بەش دېھقانلار ئارامگاھى بەش يۇلتۇزلۇق دېھقانلار ئارامگاھى بولۇپ باھالاندى. 

   غۇلجا شەھىرى ئىلى دەرياسى ساياھەت ئىستىراھەت رايونى، ساۋەن شەھىرى ئارشاڭ ساياھەت ئىستىراھەت رايونى، خوشۇت ناھىيەسى جىنشاتەن ساياھەت ئىستىراھەت رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىستىراھەت رايونى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى بولۇپ باھالاندى. 

   ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېسىل مەنزىرە رايونى، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش ئۈلگە  بازىسى، يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار ئارامگاھى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، ساياھەت ئىستىراھەت رايونى ۋە ئېكولوگىيەلىك ساياھەت ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىش خىزمىتى ئارقىلىق يۇمشاق، قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، ساياھەت تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. 

ساۋەن شەھىرى ئارشاڭ ساياھەت ئىستىراھەت رايونى. ما جىنمىڭ فوتوسى 

   11 دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى:

   مەكىت ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقى°N39 ساياھەت مەنزىرە رايونى، شايار ناھىيەسى يەنشى سەھرا ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى ساياھەت مەنزىرە رايونى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى جاڭ چيەن يىپەك يولى مەدەنىيەت باغچىسى، لوپ ناھىيەسى يۈلۇڭۋەن قۇملۇق شادلىق باغچىسى، تۇرپان خوشەن قىزىل ھاراق قورۇقى مەنزىرە رايونى، داۋانچىڭ رايونى بەيشۈيجيەن قەدىمىي بازىرى ساياھەت رايونى، تىيانشان بەيلى دەنشيا . ۋۇداۋيا ساياھەت رايونى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى يۈخۇ كۆلى مەنزىرە رايونى، تېكەس ناھىيەسى قىز چوققىسى مەنزىرە رايونى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىگشىن ئىبادەتخانىسى خارابىسى مەنزىرە رايونى، ماناس ناھىيەسى جۇڭخۇا بىيۈ باغچىسى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.