تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى 11 ئايدا شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 400 مىليون پارچىدىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەننىڭ شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 11 ـ ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 408 مىليون 442 مىڭ 900 پارچە ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.38 ئېشىپ، تۇنجى قېتىم 400 مىليون پارچىلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن. بۇ نەتىجىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقى، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى ھەم پوچتا كەسپىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرغانلىقىدىن بولغان.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 11 ـ ئايغىچە، شىنجاڭ پوچتا كەسپىدە ئورۇندالغان ئەۋەتىش ـ يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 887 مىليون 323 مىڭ 500 پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.81 ئاشقان؛ پوچتا كەسپىدە ئورۇندالغان كەسىپ كىرىمى (پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسىنىڭ بىۋاسىتە تىجارەت كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 9 مىليارد 269 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.49 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە ئورۇندالغان كىرىم 6 مىليارد 640 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.63 ئاشقان.

تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئىچىدە، ئالدىنقى 11 ئايدا، شەھەر ئىچى، باشقا جاي، خەلقئارا\شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا تېز يەتكۈزۈش كەسىپ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %17.55ى، %82.04ى ۋە %0.41ىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارا\شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن كەسىپ مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %804.28 ئېشىپ، شىنجاڭ پوچتا كەسپىنىڭ خەلقئارا كەسىپنى كېڭەيتىش جەھەتتىكى نەتىجىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى نامايان قىلدى.

تارىختىكى ئەڭ ئۇزاق داۋاملاشقان «قوش 11»نىڭ تۈرتكىسىدە، 11 ـ ئايدا، شىنجاڭنىڭ پوچتا كەسپىدە ئورۇندالغان ئەۋەتىش ـ يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 96 مىليون 568 مىڭ 700 پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.4 ئاشتى؛ پوچتا كەسپىدە ئورۇندالغان كەسىپ كىرىمى 1 مىليارد 3 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.92 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئورۇندالغان تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 50 مىليون 951 مىڭ 100 پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.75 ئاشتى؛ ئورۇندالغان تېز يەتكۈزۈش كەسىپ كىرىمى 759 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.17 ئاشتى.

ئالدىنقى 11 ئايدا، شىنجاڭدىكى ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ كىرىمى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى، ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ كىرىمى 100 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى. كىرىم جەھەتتە ئالدىنقى ئون ئورۇندا تۇرغىنى تەرتىپ بويىچە تۆۋەندىكىچە: ئۈرۈمچى شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.