3-قېتىملىق شىنجاڭنى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش بويىچە «قۇرغاق رايونلاردىكى جانلىقلار بايلىقىنى يىغىش-قوغداش سۇپىسى قۇرۇلۇشى» تۈر گۇرۇپپىسى شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرىدىن يېپىشقاق ئوت ئۇرۇقدىشىدىكى نامەلۇم بىر تۈرنى يىغدى، ئۇنىڭ تۈپى ۋە گۈل-چېچەك شەكلى ھىمالايا يېپىشقاق ئوتى، قىسقا شاخلىق يېپىشقاق ئوتقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن تۈك يېپىنچىسى، ئانىلىق ئاساسى بىلەن كىچىك پوستلۇق مېۋىدەك سىرتقى شەكلى زور پەرقلىنىدۇ. تەپسىلىي ھالەتلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ يېپىشقاق ئوت ئۇرۇقدىشىدا ئەزەلدىن نامايان بولۇپ باقمىغان يېڭى تۈر ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
ئۇنىڭ گۈل رېتى ۋە شاخلىرىنىڭ قانات يېيىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بۇ يېڭى تۈرگە كۆپ پۇتاقلىق يېپىشقاق ئوت (Lpula effusa D.H.Liu&W.JunLi) دەپ نام بېرىلدى. بۇ تۈرنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىر تەرەپتىن شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈك رايونى سىستېمىسىغا دائىر ماتېرىياللارنى يېڭىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېپىشقاق ئوت ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە تارقىلىشىنى تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.
يېڭى تۈر شاخچە يېپىشقاق ئوتنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۈرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى (A-H: ھىمالايا يېپىشقاق ئوت ھالىتى؛ Q-X:قىسقا شاخلىق يېپىشقاق ئوت ھالىتى؛ I-P، Y، Z، AA-AE:شاخچە يېپىشقاق ئوت ھالىتى)
مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى Lpula efusa ( Boraginaceae )، a new species from Xinjiang، China دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنىپ، خەلقئارالىق ئۆسۈملۈكلەرنى تۈرگە ئايرىش ئىلمىي ژۇرنىلى PhytoKeysدا ئېلان قىلىندى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالاھىدە تەتقىقات ياردەمچىسى ليۇ دەنخۇي بۇ ئىلمىي ماقالىنىڭ بىرىنچى ئاپتورى، تەتقىقاتچى لى ۋېنجۈن بۇ ئىلمىي ماقالىنىڭ ئىختىيارىي ئاپتورى.
يېپىشقاق ئوتنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ، تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى مول، مېۋە شەكلى ئۆزگىرىشچان بولغاچقا، ئەڭلىكئوت ئائىلىسىدىكى تۈرى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولغان تۈر توپى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەر ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاغلىق رايونلار ۋە قۇرغاق رايونلار بۇ تۈرلەرنىڭ كۆپ خىللىق مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى