ئىللىق قار بايرىمىدا قار تېيىلىش
12-ئاينىڭ 4-كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى جىكپۇلىن قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلماقتا. شۇ كۈنى، 2024 - يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قۇم كەنتىدىكى جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا باشلاندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «ئىللىق قارغا پۈركەنگەن يىپەك يولى، مېنىڭ شىنجاڭىم» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، توزغاق قاردىكى كاتتا مەرىكە، مۇسابىقە ئىشلىرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن، ھەرقايسى جايلاردىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىغا قار - مۇز كاتتا مەرىكىسى ئېلىپ كېلىپ، قار - مۇز ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.
قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10-شى 188-تۇەن 2-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تېز مۇز تېيىلىش مەشىقى قىلماقتا (12-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جايدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر تېز مۇز تېيىلىش، دالىدا قار تېيىلىش، قارلىق دالا پۇتبولى قاتارلىق قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى تەنتەربىيە دەرسلىكىگە كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش جەريانىدا قار-مۇزنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، قىشلىق قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. لى جېڭخۇ فوتوسى
قىشتا ئاق قۇ تاماشا قىلىش
قىشتا ئارشاڭدىن ھۇزۇرلىنىش
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچى ئارشاڭ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى قار لەيلىسى ھۆسن تۈزەش كۆلچىكىدە ئارشاڭدىن ھۇزۇرلانماقتا.
قارلىق دالىدىكى «قىز قۇۋار» ئويۇنى
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى ساياھەتچىلەرگە «قىز قۇۋار» ئويۇنى كۆرسەتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
قارلىق دالىدا خوگو يېيىش
12-ئاينىڭ 7-كۈنى، 22-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر قارلىق دالا خوگوسىنى تېتىماقتا.
قارلىق دالىدا ۋېلىسىپىت مىنىش
ساياھەتچىلەر قارلىق دالىدا ۋېلىسىپىت مىنىشنى ھېس قىلماقتا.
12-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىرىنزىگوۋ كوچا باشقارمىسى گېجياگوۋ كەنتىدىكى «قار كەنتى»دە سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاندى، ساياھەتچىلەر بەس-بەستە كېلىپ، قار-مۇز دۇنياسىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى.
قار چېچىپ ئويناش
12-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچىلەر تىيانشان بۇغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا ئوينىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ چېڭ فوتوسى
ئات مىنىپ قار مەنزىرىسى تاماشا قىلىش
ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگوۋ بازىرىنىڭ پىڭشىلياڭ كەنتىدە ئات مىنىپ قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى
قارلىق دالىدا شورپا ئىچىش
تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا ھورى چىقىپ تۇرغان قوي گۆشى شورپىسى. سۈرەتنى شىيۈ ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن
ئات سۆرەيدىغان قار تېيىلىش چاقى ئويناش