يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ شىركەت 700 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئارقا-ئارقىدىن 646 ساپ توكلۇق ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنى ئالماشتۇرىدىكەن. نۆۋەتتە، 539 ئاممىۋى ئاپتوبۇسى تەكشۈرۈش، نومۇر تاختىسى ئېسىش قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملىغان، تەڭشەش-سىناش تاماملانغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن قاتنايدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرى ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتىنىڭ ساپ توكلۇق ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئاممىۋى ئاپتوبۇسى. چىن خۇڭ فوتوسى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى چىن خۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىم سەپلىنىدىغان يېڭى ئاپتوبۇسنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10.5 مېتىر، كەڭلىكى 2.55 مېتىر، ئېگىزلىكى 3.33 مېتىر، ئاپتوبۇسنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى خۇشاللىقىغا تولغان جۇڭگو قىزىلى بولۇپ، رەڭگى چىرايلىق، تاشقى كۆرۈنۈشى مودا ۋە يارىشىملىق، بۇ قېتىم ئالماشتۇرۇلغان ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ ئىشىك ئېغىزى تۆۋەن قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ ئاپتوبۇسقا چىقىش- چۈشۈشىگە زور قولايلىق يارىتىدۇ، بولۇپمۇ ياشانغانلار، بالىلار، مېيىپلەر ۋە يۈك-تاق ئېلىپ ماڭغان يولۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش تېخىمۇ قولايلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتوبۇسقا ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە پار سەپلەنگەن، يۇمشاق تىۋىتلىق ئورۇندۇق ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئەنئەنىۋى قاتتىق ئورۇندۇققا قارىغاندا يۇمشاق ھەم راھەت. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتوبۇس ئورۇندۇقىنىڭ يان تەرىپىگە يەنە USB ئېغىزى ئورنىتىلغان بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرىدە توك يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ.
مەنبە: ئۈرۈمچى شەھىرى ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ ئاپتوبۇس ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
يېڭى ئاپتوبۇسنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتى بارلىق شوپۇرلارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۈچ قېتىم تەربىيەلەپ، ئۇلارغا يېڭى ئاپتوبۇسنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆگىتىپ، چۈشەندۈرۈپ، شوپۇرلارغا ئاپتوبۇسنىڭ مەشغۇلات تەرتىپىنى پىششىق بىلدۈرۈپ، يەنە ئاپتوبۇسنىڭ ھالقىلىق زاپچاسلىرى ۋە ئاسراش مەشغۇلاتلىرىنى ئۆگەتتى.
چىن خۇڭ مۇنداق دېدى: 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ، يېڭى ئاپتوبۇس 54-يول قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، كېيىنكى قەدەمدە، شىركەت داۋاملىق ھەرقايسى لىنىيەلەرگە «يېڭى قان» قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ كونا ئاپتوبۇسنى ئالماشتۇرۇپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ بىخەتەر، ئازادە، قولايلىق ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.
مۇخبىر: سۈن فاڭتىڭ
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى