تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئاشلىق ھوسۇلىدا «ئۇدا يەتتە يىل ئېشىش»نى ئىشقا ئاشۇردى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭنىڭ دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ئارقىلىق، 2024 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 23 مىليون 302 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 2 مىليون 111 مىڭ توننا كۆپىيىپ، %10 ئاشقان، ھوسۇلدا «ئۇدا يەتتە يىل ئېشىش»نى ئىشقا ئاشۇرغان ھەم تۇنجى قېتىم 23 مىليون توننىلىق يېڭى پەللىگە قەدەم قويغان.

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى يېزا ئىگىلىك تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى خۇ لىن مۇنداق دېدى: 2024 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چۆرىدەپ، «غەربىي قىسىم ئاشلىق ئامبىرى» بەرپا قىلىش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىپ، ھوسۇلدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى.

بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى ئىچىدە، يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى 7 مىليون 38 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 3000 توننا ئاشتى؛ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق، يۇقىرى ھوسۇللۇق زىرائەت بولغان قوناق تېرىلغۇ كۆلىمى كۆپىيىپ، كۈزلۈك ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ ئېشىپ 16 مىليون 265 مىڭ توننىغا يېتىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 2 مىليون 108 مىڭ توننا كۆپىيىپ، %14.9 ئاشتى. زىرائەت تۈرلىرىگە ئايرىپ قارىغاندا، دانلىق زىرائەت ھوسۇلى 22 مىليون 640 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1 مىليون 911 مىڭ توننا كۆپىيىپ، %9.2 ئاشتى؛ پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنىڭ ھوسۇلى 238 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 8000 توننا كۆپىيىپ، %3.6 ئاشتى؛ ياڭيۇ تۈرىدىكىلەرنىڭ ھوسۇلى 424 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 191 مىڭ توننا كۆپىيىپ، %82.3 ئاشتى. (ئىزاھات: ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇمات پۈتۈنلەنگەچكە، تۈرگە ئايرىپ جەملەنگەن سان پۈتۈن يىللىق سانلىق مەلۇماتتىن سەل پەرقلىنىدۇ).

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، كۆلەمنى ئاشۇرۇشقا يۇقىرى نۇقتىدىن تۈرتكە بولۇپ، «بۇغداي كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «قوناق كۆلىمىنى كېڭەيتىش» يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئاق تاشلىۋېتىلگەن يەرلەرنى قايتا ئېچىش، كىرىشتۈرۈپ ئېڭىزغا تېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارغا مەدەت بېرىپ، ئاشلىق كۆلىمىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قازدى. 2024 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 44 مىليون 400 مىڭ مو بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 2 مىليون 29 مىڭ مو كۆپىيىپ، %4.8 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، دانلىق زىرائەتلەرنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 42 مىليون 267 مىڭ مو بولۇپ، 2023 - يىلىدىكىدىن 1 مىليون 670 مىڭ مو كۆپىيىپ، %4.1 ئاشتى.

شىنجاڭ ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنى ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، مۇنبەت ئېتىز، ئەلا سورت، ياخشى تېخنىكىنى توپلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، مۇۋاپىق زىچ تېرىش، قۇرۇق تېرىپ ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، ئاغدۇرماي ئېڭىزغا تېرىش، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئاشلىق ھوسۇلىنى تەكشى ئاشۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى. 2024 - يىلى، شىنجاڭدا ئاشلىقنىڭ بىرلىك كۆلەمدىكى ھوسۇلى مو بېشىغا 524.8 كىلوگىرام بولۇپ، مو بېشى ھوسۇلى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 24.7 كىلوگىرام كۆپىيىپ، %4.9 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە دانلىق زىرائەتلەرنىڭ بىرلىك كۆلەمدىكى ھوسۇلى مو بېشىغا 535.7 كىلوگىرام بولۇپ، 2023 - يىلىدىكىدىن مو بېشىغا 25 كىلوگىرام كۆپىيىپ، %4.9 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.