جۇڭيى تېبابىتىدە ئېيتىلىۋاتقان «قىشلىق ساقلاش»، ئەمەلىيەتتە قىش پەسلىدە تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ساقلاش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشتۇر. ئۇنداقتا كونكرېت نېمىلەرنى «ساقلاش» كېرەك؟ بىرىنچىدىن، بەدەن قۇۋۋىتىنى ساقلاش كېرەك، جۇڭيى تېبابىتىدە بۆرەك ئاساسلىق قۇۋۋەتنى ساقلايدۇ، قىش پەسلىدە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، ماغدۇرنى چىڭىتىش، بەدەندىكى ماغدۇرنى ئىچكى ئەزالارغا جەملەپ، كېلەر يىللىق ھاياتىي كۈچنىڭ جۈشقۇن بولۇشىغا ئاساس سالىدۇ، دەپ قارايدۇ. قىشتا ئادەم بەدىنىدىكى مۇسبەت قۇۋۋەت بەدەن ئىچىگە يىغىلىدۇ، شۇڭا بىز زۆرۈر بولمىغان جىسمانىي كۈچ سەرپىياتىنى ئازايتىپ، ئېنېرگىيەنى ساقلىۋېلىشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، زېھنىي قۇۋەتنى ساقلاش كېرەك، قىش پەسلىدە زېھىننى تىنچلاندۇرۇپ، كەيپىياتتىكى زىيادە جىددىيلىكتىن ساقلىنىپ، مۇسبەت قۇۋۋىتىنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، ياڭاق، قارا كۈنجۈت، كىرەش، لۇڭيەن، قوي گۆشى قاتارلىق مۆتىدىل ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەننى كۈچەيتىش، لوبو، بەسەي قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ، زىيادە قۇۋۋەت تولۇقلاش سەۋەبلىك ئىچكى جەھەتتە بەدەننىڭ ئىسسىقلىقى ئېشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. يېتىش - قوپۇش جەھەتتە، ئىمكانقەدەر بالدۇر ئۇخلاپ، كېيىن تۇرۇش كېرەك، بالدۇر ئۇخلىغاندا مۇسبەت قۇۋۋەتنى كۈچەيتىكىلى بولىدۇ، كېيىن تۇرغاندا مەنپىي قۇۋۋەتنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭيى تېبابىتىدە بەزى ئەنئەنىۋى كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇللىرى، مەسىلەن، ئەمەن بىلەن داغلاش، پەللىلەرنى ئۇۋۇلاشمۇ مۇشۇ مەزگىلدە ماس كېلىدۇ، مەسىلەن، قورساق قىسمىدىكى شېنچۆ، گۇەنيۇەن قاتارلىق پەللىلەرنى ئەمەن بىلەن داغلاش، پۇتتىكى زۇسەنلى قاتارلىق پەللىلەرنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق پەللىلەرنى راۋانلاشتۇرۇپ، قان ۋە خىلىتنى تەڭشەپ، ئورگانىزمنى ياخشىلاپ، ئورگانىزمنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى