تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قاتناش باشلاندى! شىنجاڭدا بۇ يىل قىشتا تۇنجى قاتنىغان قار-مۇز ساياھىتى پويىزى!

12-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 20دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە

Y925-قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى

ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ ئالتايغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى

100دىن ئارتۇق ساياھەتچى مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ

تۆت كۈنلۈك قار-مۇز ساياھىتىنى باشلىدى

بۇ، شىنجاڭدا بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيان

قاتنىغان تۇنجى قار-مۇز ساياھەت مەخسۇس پويىزى ھېسابلىنىدۇ

12-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئالتاي قار-مۇز ساياھىتى مەخسۇس پويىزى قاتنىدى.

چېن جىۋېي فوتوسى

  قىش كىرگەندىن كېيىن، شىنجاڭغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى بۇنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، قار-مۇز ساياھىتى مەخسۇس پويىزىنى زور كۈچ بىلەن تەشكىللەپ قاتناشقا كىرىشتۈرۈپ، شىنجاڭ قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.

   تۇنجى قېتىملىق قار-مۇز ساياھىتى مەخسۇس پويىزى مەخسۇس ئادەمگە مەخسۇس ئورۇن بولۇش، پويىز ئادەمگە ئەگىشىپ مېڭىش، ئادەملەر ئوينىغاندا پويىز توختاش، كەچتە يولغا چىقىپ ئەتىگەندە يېتىپ بېرىش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. ساياھەتچىلەر كېچىدە پويىزغا ئولتۇرۇپ، كۈندۈزى سەيلە-ساياھەت قىلىپ، نۇرغۇن ۋاقىتنى تېجەپ قالالايدۇ، يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ بىر قېتىملىق سەپەردە نۇرغۇن مەنزىرە نۇقتىسىنى ساياھەت قىلىش ئارزۇسىنى قاندۇرالايدۇ. ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى سەپەر تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا يەنە دوختۇر، «پويىز باشقۇرغۇچى» ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساياھەتچىلەر ئۈچۈن دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورا، يىپ-يىڭنە خالتىسى، يېقىننى كۆرۈش ئەينىكى، گىرىلكا قاتارلىق بۇيۇملار تەييارلىنىپ، ساياھەتچىلەر پويىزدا تېخىمۇ خاتىرجەم ئولتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

   «بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدە ئالتايغا قار تېيىلغىلى بارىمىز، يەنە ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولىدا ماڭالايمىز، قىش پەسلىدە ئالتاينىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشقا تەقەززامىز» دېدى جېجياڭلىق ساياھەتچى جوۋ فەن.

   «شىنجاڭنىڭ قىش پەسلى ئۇزاق، قار-مۇز ساياھەت بايلىقى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، كېيىن يەنە ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن تۆتنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز.» شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ساياھەت ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى لىن ۋېن مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىز ئەلا سۈپەتلىك مەخسۇس پويىز ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمىتى، خاس سەپەر ئورۇنلاشتۇرۇشى، كۆپ خىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ مول ساياھەت تەسىراتى ئېلىپ كېلىدۇ».

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن 101نى يولغا سالغان بولۇپ، جەمئىي 50 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان.

  

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.