تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

بالىغا زۇكام دورىسى ئىچكۈزسە، نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟

   يېقىندا سوغۇق ھاۋانىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن جايلاردا تېمپىراتۇرا تۆۋەنلىدى، بالىلار نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىمۇ كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلگە كىردى. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارغا دەملەپ ئىچىدىغان زۇكام دورىسى قاتارلىق دورىلارنى ئىچكۈزدى، بۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولامدۇ؟

    دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا نىسبەتەن تۆۋەن تارقىلىش سەۋىيەسىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆرلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى 0 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئاغرىق مىساللىرىنىڭ كۆپىيىشىدە ئىپادىلەنگەن.

    ئامبولاتۇرىيەدە جىددىي قۇتقۇزۇلغان تارقىلىشچان زۇكام تۈرىدىكى 0 ياشتىن تۆت ياشقىچە بولغان ئاغرىق مىسالى ۋە نەپەس يولى يۇقۇملىنىپ كېسەلخانىدا ياتقان ئاغرىق مىساللىرىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار بولسا بۇرۇن ۋىرۇسى، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى، قوشۇمچە تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى، بەز ۋىرۇسى، نەپەس يولى بىرىكمە ھۈجەيرە ۋىرۇسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛

    5 ياشتىن 14 ياشقىچە بالىلاردا بولسا بۇرۇن ۋىرۇسى، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى، تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ۋە قوشۇمچە تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى قاتارلىقلار بولىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نەپەس يولى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ داۋالىنىش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، 10-ئايدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلغان؛ شەندۇڭ جىنەن، جياڭشى شاڭراۋ قاتارلىق جايلاردىكى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئامبولاتۇرىيەسىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، دوختۇرلارنىڭ كېسەل كۆرۈش ۋاقتىنى جانلىق تەڭشىگەن.

     مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە نەپەس يولى كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بالىلارغا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دورا بېرىپ، دەملەپ ئىچىدىغان زۇكام دورىسى قاتارلىقلارنى بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىغان، مۇتەخەسىسلەر بۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

     شەندۇڭ داشۆ 2-دوختۇرخانىسى بالىلار تېبابىتى مەركىزىنىڭ مۇدىرى شۆ جياڭ مۇنداق دېدى: ھازىرچە  ئالدىنى ئالىدىغان ياخشى دورا يوق، بارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى شۇكى سۇنى كۆپ ئىچىش، ئاممىۋى سورۇن، ھىم ئېتىلگەن جايلار، يىغىلىشلارغا ئاز بېرىش، ئۇنىڭدىن قالسا قولنى پات-پات يۇيۇش، ماسكا تاقاش.

     قانداق قىلغاندا بالىلاردا نەپەس يولى يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

    دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مۇنداق تونۇشتۇردى: بالىلاردا نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىدە ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى سەۋەب كۆزدە تۇتۇلىدۇ:

     بىرىنچى، ھاۋا سوغۇق، بالىلارنىڭ ئۆي ئىچىدىكى پائالىيىتى كۆپ، ئىشىك-دېرىزىلەرنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇشى ناچار، ھاۋانىڭ ئۆتۈشۈشچانلىقى ناچار بولۇپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

    ئىككىنچى، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشى ئورگانىزمنىڭ نەپەس يولى شىللىق پەردىسى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنىڭ تۈكچىلەرگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ تازىلاش ۋە مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، نەپەس يولىغا يوشۇرۇنغان ھەر خىل كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرىۋېلىپ، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزراق بەزى بالىلارنى ئاغرىتىپ قويىدۇ.

    بالىلارنىڭ نەپەس يولى يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى ۋاكسىنىسىنى ياخشى ئەملەش، ۋاكسىنا ئەملەش تەلىپى بويىچە ۋاقتىدا ۋە پۈتۈن مۇساپىلىك ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ يۇقۇملىنىش مەنبەسى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى ئازايتىش، شەخسىي تازىلىقنى ساقلاش كېرەك.

    ئەگەر بالىدا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاش كېرەك، كېسەل تۇرۇپ مەكتەپكە بېرىش، ئىش ئورنىغا چىقىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز.

    كۈندىلىك مۇداپىئەدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

   دۆلەتلىك ھاۋا رايى مەركىزىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ياڭ شۇنەن مۇنداق تونۇشتۇردى: قىش كىرىشى بىلەن ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇپ كەتتى، ئەتىگەن بىلەن كەچنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، شۇڭا سوغۇقتىن ساقلىنىش، ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، كۈندىلىك تۇرمۇشتا نەملىك ساقلاشقا دىققەت قىلىش، تېمپېراتۇرا يار بەرگەن ئەھۋالدا، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك.

    نەپەس يولى كېسەللىك قوزغاتقۇچى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ئالاھىدە ھەزەر  ئەيلەش، تارقىلىشچان زۇكام، ئۆپكە ياللۇغى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق ۋاكسىنىلارنى ئەملەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىلمىي ھالدا ماسكا تاقاپ، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ساقلاش كېرەك.

    بالىلار، ھامىلىدار ئاياللار، ياشانغانلار ئامال بار سىرتقا ئاز چىقىشى، ئاستا خاراكتېرلىك، ئاساس خاراكتېرلىك كېسىلى بار كىشىلەر توپىدا ئەگەر كېسەللىك ئېغىرلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قېلىن قاردىن كېيىن قار-يامغۇر يېغىش ۋە سوغۇق ئېقىم  كىرىش ئەھۋالى ھەر ۋاقىت يۈز بېرىشى مۇمكىن، سىرتقا چىققاندا تېيىلىپ كېتىش، يىقىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش، ئامال بار ئۇزاق ۋاقىت سىرتتا تۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.