يې تاۋ
كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۇزۇن ئېقىنىدا، ھامان بەزى دەقىقىلەر خۇددى يۇلتۇزلاردەك چاقناپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يورۇتىدۇ. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، شىنجاڭ گېزىتى بىلەن بولغان ئۇچرىشىش مانا مۇشۇنداق بىر ئۇنتۇلغۇسىز مۇساپە. ئۇ بىر پارچە گېزىت بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مېنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىمنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، مېنى يېزىق دېڭىزىدا سەيلە قىلىپ، دەۋرنىڭ تومۇرىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلىدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» بىلەن 1980 ـ يىلى تۇنجى قېتىم تونۇشتۇم، ئەينى چاغدا مەن تېخى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدىم، ئاپامنىڭ ئىشخانىسىدىكى ئۈستەلدە يېيىپ قويۇلغان بىر چوڭ گېزىتنى كۆرۈپ قالدىم، «شىنجاڭ گېزىتى» دېگەن چوڭ خەت كۆزۈمگە چېلىقتى. ئەينى چاغدا «畺» دېگەن خەت مەندەك بىر گۆدەك بالىدا قىزىقىش پەيدا قىلدى، ئاپام ئەستايىدىل، سەۋرچانلىق بىلەن ماڭا چۈشەندۈرۈپ، «شىنجاڭ گېزىتى» دېگەن گېزىت نامىنى ماۋ جۇشىنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەرگەنلىكىنى، بۇ گېزىتنىڭ مۇھىم پارتىيە گېزىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. مەن بۇ گېزىتنى تۇنجى قېتىم ۋاراقلىغاندا، قويۇق سىياھ پۇرىقى، رەتلىك ياسالغان بەت، كىشى قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان خەۋەرلەر بىردىنلا مېنى جەلپ قىلىۋالدى. ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، مەن شىنجاڭ گېزىتى بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىدىم.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مەن تەدرىجىي ھالدا «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ سادىق ئوقۇرمىنىگە ئايلاندىم. باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ساۋات چىقىرىش باسقۇچىدىن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى كىتاب ئوقۇش مەزگىلىگىچە، يەنە داشۆدىكى ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىگىچە، «شىنجاڭ گېزىتى» باشتىن ـ ئاخىر مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە ھەمراھ بولدى. داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەن خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنىپ، ئاساسىي قۇرۇلۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندىم، مەيلى ئىشخانىدا ياكى قۇرۇلۇش ئورنىدا بولسۇن، «شىنجاڭ گېزىتى» مېنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى ئوزۇقۇم بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ مەن پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا، بۇ گېزىتنىڭ ماڭا بولغان ئەھمىيىتى تېخىمۇ مۇھىم بولدى. ھەر قېتىم گېزىتنى قولۇمغا ئېلىپ، ھەربىر سۆز ـ ئىبارىدىن سىياسىي نەزەرىيە بىلىملىرىنى قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، پارتىيە تەشكىلاتىغا ئىدىيەۋى دوكلات بەرگەندە، ئۇ مېنى تېخىمۇ يېقىن تەسىرات ۋە ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» ھەمراھ بولغان كۈنلەردە، مەنمۇ تەدرىجىي ھالدا ئوقۇرمەندىن ئاپتورغا ئايلاندىم. 2004 ـ يىلى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، مەن بەختكە يارىشا شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ قويۇق ئالاقە باغلىدىم. ماقالەمنىڭ گېزىتكە بېسىلغانلىقىنى كۆرگەندىكى، پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن قەلەم ھەققى پېرېۋوت تالونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىكى ئاشۇ ھاياجانلىق ھېسسىيات ھېلىھەم ئېنىق ئېسىمدە.
شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگىنى خوتەن ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى بولدى، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە گۇۋاھچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «شىنجاڭ گېزىتى»گە تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ماقالە ئەۋەتىپ، ئوقۇرمەنلەرگە قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇمى يىرىك پىلانىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تونۇشتۇردۇم. بۈگۈنكى كۈندە، مەن قاراماي ئايرودۇرۇمىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولدۇم، شىنجاڭ گېزىتىمۇ مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە گۇۋاھ بولدى.
11 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى قاراماي ئايرودۇرۇمىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ARJ21 تىپلىق پۇقراۋى ئايروپىلاننى تۇنجى قېتىم تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىدا نەق مەيداندا سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇرۇشنى تاماملاشقا كۈچ قوشقانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، ئاممىغا قاراماي ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نامايان قىلدى. مەن زىيارەت قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تۆھپە قوشتۇم.
دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تور ۋە تۈرلۈك يېڭى تاراتقۇلار ئارقا ـ ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، شىنجاڭ گېزىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتتى. قەغەز يۈزىدىن ئېكرانغىچە، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىپ، كۆپ خىللىشىپ، باشتىن ـ ئاخىر مەن ئەڭ ئىشىنىدىغان ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ كەلدى.
مېنىڭ شىنجاڭ گېزىتى بىلەن بولغان ئۇزاققا سوزۇلغان ھېكايەم يىللارنىڭ جۇغلانمىسى، ھېسسىياتنىڭ يۈكسىلىشى بولۇپ، مەڭگۈلۈك رىشتىگە ئايلاندى. مەن بۇ گېزىتنىڭ مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى سانسىزلىغان شىنجاڭ ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلىمەن. ھالبۇكى، مەنمۇ شىنجاڭ گېزىتى بىلەن بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېزىق ئارقىلىق ئۆزىمىزگە مەنسۇپ بولغان دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق كۈتۈۋالىمەن.
(ئاپتور شىنجاڭ ئايرودۇرۇم <گۇرۇھ> چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاراماي ئايرودۇرۇمى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور)