تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياۋا ئات سەۋەبىدىن باغلانغان رىشتە

□ جاڭ خېفەن

ياۋا ئات قوغدىغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنىسى ئېنىقكى، مېنىڭ شىنجاڭ گېزىتى بىلەن باغلانغان رىشتەم ياۋا ئاتتىن ئايرىلالمايدۇ.

ياۋا ئاتلار يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى ئەتىۋارلىق دەرىجىسى مۈشۈكئېيىقتىن قېلىشمايدىغان، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بۇ تۈرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دىققەتنى شىنجاڭدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ياۋا ئات جەمەتى»نىڭ گۈللىنىشى - خارابلىشىشى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش ھېكايىسىنى ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق بايان قىلدى. شۇڭا، 2005 - يىلى مېنىڭ تۇنجى كىتابىم «ياۋا ئاتنىڭ قارامايلىغا قايتىپ كېلىشى» نەشر قىلىنغاندىن باشلاپ، كېيىن «شىنجاڭ ياۋا ئېتىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە دائىر قول يازمىلار» «ياۋا ئات ئۆيىگە قايتىپ كەلدى» «ياۋا ئات خاتىرىسى» قاتارلىق ياۋا ئاتقا دائىر يۈرۈشلۈك كىتابلىرىم نەشر قىلىنىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىشكىچە، شىنجاڭ گېزىتى ھەممىسىنى خەۋەر قىلدى.

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، ئەۋلادمۇئەۋلاد ياۋا ئات قوغدىغۇچىلارنىڭ مىسلىسىز جاپالىق تىرىشچانلىقىدا، ياۋا ئاتنى قوغداش ئىشلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن يېڭى بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى، بىر مەھەل يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋا ئات ياۋايى تۈر توپى قايتىدىن بارلىققا كەلدى ھەم ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك كۆپىيىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنى كىرگۈزۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. ياۋا ئات شىنجاڭنىڭ جانلىقلار نام كارتىسى، يىپەك يولىدىكى چولپان تۈر بولۇپلا قالماي، يەنە شەرق - غەرب ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىڭدۈرۈلگەن بىر مەدەنىيەت بەلگىسى.

ياۋا ئات يۇرتىدا ماسلىشىش ئۆتكىلى ۋە كۆپىيىش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، تۈر توپى ئۈزلۈكسىز زورايدى، تۈركۈم - تۈركۈم ياۋا ئاتلار تەبىئەتكە قايتۇرۇلۇپ، دالىغا قويۇپ بېرىش سىنىقىدا ئىزدىنىش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى... ياۋا ئاتنى قوغداش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدىكى ھەربىر خۇش خەۋەر، ھەربىر تەسىرلىك ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسىنى شىنجاڭ گېزىتى قالدۇرماي خەۋەر قىلدى. بولۇپمۇ 2001 - يىلى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋا ئاتنى دالىغا قويۇپ بېرىش سىنىقى، يەنە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قاتار قويۇپ بېرىش پائالىيەتلىرى، ھەمدە شىنجاڭ قارامايلى دۆلەت باغچىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى شىنجاڭ گېزىتى ئەتراپلىق، چوڭقۇر خەۋەر قىلىپ، دۇنياغا شىنجاڭنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش نەتىجىلىرى ھەم گۈزەل شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئىناق ئېكولوگىيە مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.

قارامايلىدىن ئىبارەت بۇ قالتىس ھەم بىپايان تۇپراق ياۋا ئات قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ شادلىق باغچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە مېنىڭ ماكانىم. ھەتتا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ياۋا ئات بارغانلىكى جاينىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئائىلەم. ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى، شىنجاڭ گېزىتى ياۋا ئاتنى قوغداشنى تەشۋىق قىلىپ، «مېنىڭ ئائىلەم ۋە ئائىلەمدىكىلەر» ئۈچۈن سۆزلىدى ۋە مۇراجىئەت قىلدى.

2021 - يىلى كۈزدە، شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزى ئىچكى موڭغۇل داچىڭشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا ياۋا ئاتتىن 12نى قويۇپ بەردى، مەن پۈتۈن جەرياننى ئىز قوغلاپ تەكشۈردۈم، ھەم ياۋا ئات قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ ئىككى يىللىقى ۋە ئۈچ يىللىقى پەيتىدە زىيارەت ئېلىپ باردىم. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىشنى نۇقتىلىق خەۋەر قىلدى، مېنىڭ ئەدەبىي ئاخباراتىم «ياۋا ئات داچىڭشەن تېغىغا قويۇپ بېرىلدى، پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ»نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى «ياۋا ئات خاتىرىسى» ناملىق سىزما رەسىمنى قولدا سىزىپ، ياۋا ئاتنىڭ داچىڭشەن تېغىغا قويۇپ بېرىلگەنلىك ھېكايىسىنى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلدى.

يېقىنقى مەزگىلدە، مەن دۆلەت ئىچىدىكى ياۋا ئات بار ئاپپاراتلارنى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگو ياۋا ئېتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، خۇشاللىنارلىق ھالدا شۇنى بايقىدىم: دۆلىتىمىزدىكى ياۋا ئات تۈر توپى سانى 900 تۇياقتىن ئېشىشتەك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۇنيادا باش ئورۇندا تۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ياۋا ئات ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىدى.

2025 - يىلى ياۋا ئاتنىڭ جۇڭگوغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى بولۇپ، ياۋا ئات ئومۇمىي سانىنىڭ 1000دىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار. شۇ ۋاقىتتا، ياۋا ئاتلار چېپىپ يۈرۈيدىغان تېخىمۇ كەڭ بوشلۇققا ئىگە بولۇپ، دۇنياغا ئەڭ ياڭراق كىشنەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

(ئاپتور ئاپتونوم رايونلۇق قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.