تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

قوبۇل قىلىپ داۋالىغان ئاغرىق 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى تيەنجىندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ياخشى

     12-ئاينىڭ 13-كۈنى، تيەنجىندىن شىنجاڭغا  ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسى(سولدىن 1-كىشى) كېرىيە ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى بىلەن بىللە ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەھلىل قىلماقتا. 2011-يىلىدىن باشلاپ، تيەنجىن شەھىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسىدىن جەمئىي 45 كىشىنى ئەۋەتتى، ئۇلار قوبۇل قىلىپ داۋالىغان ئاغرىق 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 1000 سائەتتىن ئارتۇق ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇپ، 1000 قېتىمغا يېقىن ئوپېراتسىيە قىلىپ، شۇ جايدىكى تېببىي خادىملارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، تيەنجىننىڭ داۋالاش جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچلىرى يەنە كېرىيە ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى ئىچكى بۆلۈمى، تۇغۇت بۆلۈمى، سۆڭەك بۆلۈمى قاتارلىق نۇقتىلىق بۆلۈملىرىنى قۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، شۇ جاينىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.          (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ)
    12-ئاينىڭ 13-كۈنى،  كېرىيە ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سېستراسى ئاغرىقنىڭ تەكشۈرتۈشىگە ھەمراھ بولماقتا. كېرىيە ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىناسى 2024-يىلى 11-ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ تۈر تيەنجىننىڭ 2024-يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان تۈرلەرنىڭ بىرى. بۇ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىناسىغا جۇڭيى تېبابىتى بويىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۇغۇت بۆلۈمى، بالىلار بۆلۈمى قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلىق بۆلۈملەر يىغىلغان. ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ داۋالىنىش مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

   تيەنجىندىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسى(ئوتتۇرىدا) ياتاق تەكشۈرمەكتە.

     كېرىيە ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى ئاغرىقلارنى تەكشۈرمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.