بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.99 ئاشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، شىنجاڭ بويىچە جەمئىي 291 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.99 ئاشقان؛ ساياھەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي خىراجىتى 346 مىليارد 238 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.22 ئاشقان.
تۇڭچېڭ ساياھەت سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى، جىلىن شەھىرى قاتارلىقلار قىشلىق قار - مۇز ساياھىتىدىكى ئەڭ ئالقىشلىق مەنزىلگاھ بولۇپ قالغان، قىشلىق ساياھەت قىزغىنلىقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %60 ئاشقان. 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرىلىرىدا، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلىپ، شۇ جاينىڭ ساياھەت قىزغىنلىقىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگىچە 67 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32 ئاشقان.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 2 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئەت پەسلى، 2024 - يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلى قاتارلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، «مېنىڭ ئالتىيىم» «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» 2 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سەييارە ئويۇن قويۇش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، «ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» «ئويۇنغا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» «مۇسابىقىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» «قىزىق تىياتىرغا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» داڭلىق ماركا ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇردى.
شىنجاڭ ئەتىيازلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ ئالاھىدە ساياھەت بايرىمى، 18 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ھەم 2024 - يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى قاتارلىق داڭلىق ماركا پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش، 2024 - يىللىق لوندون دۇنيا ساياھەت سودا يەرمەنكىسى، 2024 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت، مالايسىيا، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەتچىلىكنى تونۇشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، «شىنجاڭ ياخشى جاي» داڭلىق ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچى، خەلقئارا تارقىتىش كۈچى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.
ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يىلى ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، «مال باھاسى، ھاجەتخانا، ساياھەت ئۆمىكىگە ئىگە بولماسلىق»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەخسۇس تۈزەش ۋە «يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، قاتناش، بىخەتەرلىك، مۇلازىمەت ماركىسى، چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش»تىن ئىبارەت ئالتە چوڭ يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكىتى چۆرىدىلىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈلدى.