تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

120 پارچە فوتو سۈرەت ئەسىرى شىنجاڭنىڭ «ئېلېكتىر تورى كۈچى»نى نامايان قىلدى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ خەيبو خەۋەر قىلىدۇ) 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، «گۈزەللىكنى نۇرلاندۇرۇش، يېڭى نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش. ئېلېكتىر تورىنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» باش تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، 120 پارچىغا يېقىن فوتو سۈرەت ئەسىرى ئارقىلىق، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى جانلىق خاتىرىلىنىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە خادىملىرىنىڭ روھىي قىياپىتى ھەم شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان گۈزەل كۆرۈنۈش نامايان قىلىندى.

تاماشىبىنلار كۆرگەزمىنى كۆرمەكتە

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو فوتوسى

    كۆككە تاقاشقان ئېگىز تۆمۈر مۇنارلار، مىڭ چاقىرىمغا سوزۇلغان توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى، ئالدىراش، تەرتىپلىك تىرانسفورماتور پونكىتى، ئۈن-تىنسىز چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ئېلېكتىر ئېنىرگىيە ئىشچىلىرى فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ھەيۋەت گۈزەللىكى ۋە مۇستەھكەملىكىنى كۆرۈنۈش ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەردى. تاماشىبىن ئابدۇغېنى قۇماش مۇنداق دېدى: «مەن <شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش> ۋە توك يوللىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش قاتارلىق ئەسەرلەرنى كۆردۈم، كۆرۈش نۇقتىسى يېڭىچە بولۇپ، ماڭا ئېلېكتىر ئېنىرگىيە ئىشچىلىرىنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلدۇردى».

مەن لەننىڭ «قارلىق دالىدىكى كۆككە تاقاشقان يول» ناملىق فوتو سۈرەت ئەسىرى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو فوتوسى


    كۆرگەزمە مەيدانىدا كۆرگەزمىگە قاتناشقان نۇرغۇن فوتوگراف ئۆزلىرىنىڭ فوتو سۈرەت ئىجادىيەت مۇساپىسىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. ئۈرۈمچى ئىشچى-خىزمەتچىلەر فوتو سۈرەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لىن شياۋلىن مۇنداق دېدى: «بىز كۆپ قېتىم خوتەن، سانجى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندۇق، ئىجادىيەت شارائىتى جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن دەل مۇشۇ كەچۈرمىشلەر بىزنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قاتمۇقات جاپا-مۇشەققەتلىرىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ گۇۋاھ بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ئۆزىمىزنىڭ فوتو ئاپپاراتى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئەھۋالىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز». 

    ما چىڭجۇڭنىڭ «چۆل-باياۋاندىكى سەھەر كۈيى» ناملىق فوتو سۈرەت ئەسىرى.

      تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو فوتوسى

    شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى لى جيابىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ھەر قايسى كۆرۈنۈشلىرى خاتىرىلەندى، شۇنداقلا بۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە خادىملىرىنىڭ «ھۈنەرۋەن روھى»غا بولغان ھۆرمەت.
    بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، كۆرگەزمە 12-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.